1986–يىل 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1988–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن .
سوۋېت ئىتىپاقىدىكى يېنسېي دەرياسىنىڭ تارمىقى ئالگارا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قۇرۇلغان، ئىركۇتىسكى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.
شىگشىن بازىرى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خورا تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 755 كۋادىرات كىلومېتىر.
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ. 1973-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇكەممەل مەكتەپ ھېسابلىناتتى. 1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا كەسپىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن.
ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىچىدە سەرراچىلىق كەسپى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. سەرراچلار ئېگەر-جابدۇق، ھارۋا جابدۇقى، ئات، تۆگە، قېچىر، ئېشەكلەرنىڭ توقام-مۆلۆسى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق جابدۇقلارنى ياسايدۇ.
قاشتوغراق كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر تەبئىي مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، ئۆستەڭبويى كەنتى، تاللىققوتان كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
تۇيۇق تاش ئۆڭكۈرى شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى غا جايلاشقان بۇلۇپ، تۇرپان ۋىلايىتى دىكى قېزىلغان دەۋرى ئەڭ بالدۇر بولغان غار.
تاشئالما، ئالما ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ خىل ئۆسۈملۈك بىلەن كۇلى بېھىسى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئورتاق نامى. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەردىن تاشئالما گۈلى ۋە ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۇلى بېھىسى ھەممىسى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، جۇڭگو دىكى مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ.
كۈلرەڭ تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus grus) چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىق قۇشلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار). ئۇزۇنلۇقى 100-120 سانتىمېتىر. بويۇن، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى كۆپىنچە كۈل رەڭ، بېشىنىڭ چوققىسى يالىڭاچ، تېرىسى قىزىل، كۆزدىن كېيىنكى بويۇن يان تەرىپىدە كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك بەلۋاغلىرى بولىدۇ، پۇتى قارا رەڭدە.
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
ئويلۇق كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر تەبئىي مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، ئەتراپىدىكى تاللىققوتان كەنتى، سايقۇدۇق كەنتى، تاللىقنۇر كەنتى قاتارلىق كەنتلەرگە يېقىن.
ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى 12-نومۇرلۇق بۇيرۇق بىلەن ئېلان قىلىنغان. 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىسمەن قائىدىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدىكى توغرىسىدىكى قارارى» بويىچە تۈزىتىلگەن.
بۇلارغا قىزىقمىسىڭىز، ئۆزىڭىز بىلىدىغان سۆزلۈكلەرنى يوللاڭ
گۇرۇپپا قۇرۇپ ۋەزىپە تاماملىسىڭىز زور سوممىلىق نەق پۇل مۇكاپات
يوللىغان سۆزلىكىڭىز تەستىقسىزلا كۆرۈنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ سۆزلۈك تەھرىرلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيسىز
يانفۇن، ئايپەد ،خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلار سىزنى كۈتمەكتە