مىڭە پەردە ياللۇغى

مىڭە پەردە ياللۇغى

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېڭە پەردىسىنىڭ ئىششىپ مېڭىگە تەسىر قىلىشى بىلەن كلىنىكىدا قىزىش، باش ئاغرىش، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك سەرسام دىيلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىڭە پەردە ياللۇغى
ئەل ئىچى نامى سەرسام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىڭە پەردە ياللۇغىسەرسام-ھەقىقى سەرسام ۋە غەيرى ھەقىقى سەرسام دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 1) ھەقىقى سەرسام ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېڭە پەردىسىنىڭ ئىششىپ كىلىنكىدا قىزىش، باش ئاغرىش، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك ھەقىقى سەرسام دىيىلىدۇ.

(1) قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى مېڭە ۋە مېڭە پەردىسىنى غىدىقلاپ، روھ ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ سەرسامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 (2) سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

(3) زەڭگاررەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 (4) غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

(5) سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

باش ئاغرىيدۇ، قىززىيدۇ، قاتتىق قۇسىدۇ، ئەس-ھۇشى ئوچۇق بولمايدۇ. جۆيلۈيدۇ، بەزىدە ھۇشسىزلىنىدۇ. بوينى قېتىپ تارتىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى غەيرى تەبىئىي خىلىتتىن بولسا شۇ خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولسا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۈلۈپ تۇرۇپ جۆيلۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. قان خىلىتى غالىپلىقىنىڭ ئالامىتى كۆرىلىدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولسا باش ئاغرىش، باش قېيىش، قىزىش، جۆيلۈش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە سەپرا خىلىتى غالىپلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. بەلغەم خىلىتىنڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولسا قىزىتما يەڭگىل بولىدۇ، قان ئايلىنىش سۇسلىشىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە بەلغەم خىلتىنىڭ غالىپلىقىنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئەگەر سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولسا تۆۋەن قىزىش، باش ئاغرىش، جۆيلۈش، قورقۇش، ئالاقزادە بولۇش، يىغلاش، ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە قۇرۇقتەك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىقىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

2) غەيرى ھەقىقى سەرسام ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە ھاسىل بولغان بۇزۇق ماددىلار ياكى بۇخارات گازلارنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن قۇۋۋىتى نەپسانىيىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش بىلەن باش ئاغرىش، قىززىش، جۆيلۈش قاتارلىق ھەقىقى سەرسامنىڭ ئالامىتى بىلەن ئوخشاش ئالامەتلەر ئىپادىلىندىغان مىزاج بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك غەيرى ھەقىقىي سەرسام دىيلىدۇ. سەۋەبى ھەر خىل سەۋەپلەردىن پۈتۈن بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزادا پەيدا بولغان بۇزۇق ماددا، بۇخارات گازلارنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى قايسى خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بىلەن بىرگە جۆيلۈش، قىزىش، ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھۆ بولۇش، تومۇرى تىترەپ قالايمىقان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.مەسىلەن : ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە سەرسامنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1047

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#