ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنى كۆرسىتىدۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى، يېڭى دەۋىردىكى شەكلى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى
سىستېمىسى ئەرەب ھەرپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 现代维吾尔文

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى، يېڭى دەۋىردىكى شەكلى ھىساپلىنىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 20- ۋە 30-يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيادا زور سىياسى ۋەقەلەر ۋە تارىخى ھادىسىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ ۋەقە-ھادىسلەرنىڭ زىل-زىلسى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بىكىنمىچىلىك، خوراپاتلىق ۋە قالاقلىقنىڭ قۇچىقىدا ئۈگدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاز-تولا سەگىتكەن، مىللىي ئويغۇنۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، زامانغا لايىقلىشىش سادالىرى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئىھتىياجى مىلىتارىست شېڭ شىسەينى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ئارسىدا پەن-مەدەنىيەتكە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 30-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدا تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا يېپيېڭى مەزمۇن قوشقان. جۈملىدىن زىيالىيلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىپ، 1937-يىلى يېڭى ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. 

چۈنكى، چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا بۇ يېزىق ئىلمىي ئىزغا سېلىشقا مۇھتاج ئىدى. 1935-يىلىدىن باشلاپ چىقىرىلغان «شىنجاڭ گېزىتى» مانا مۇشۇ يېڭى ئىملادا نەشر قىلىنغان. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ غەلبىسى بىلەن بۇ يېڭى ئىلىپبە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىنغان. 

1949 -يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ،يەنى 1954-يىلىغا كەلگەندە، ھازىر قوللىنىۋاتقان ئېلىپبەنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلۇپ تاكى 1984-يىلىغىچە شۇ پېتى قوللىنىلغان. 1984-يىلى تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم -ئايرىم تۆت ھەرپ بېكىتىلىپ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى 32 ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش ئۈچۈن بىردىن ھەرىپ بەلگىلەنگەن ئىلمىي بىر ئېلىپبە مەيدانغا كەلگەن.[0]


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#