رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار

رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلار

رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار 9-ئەسىردە ئىدىل دەرياسى بويىدىكى  ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈچلۈك بۇلغار خانلىغى ئىپتىدائى روسىيىنىڭ شەرقى بوسۇغۇسىدىلا بولسىمۇ ئىسلام دىنى روسىيەگە 13-ئەسىردىكى تاتار ئىشغالىيىتى بىلەن تەڭ كىرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 俄罗斯穆斯林

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار گەرچە 9-ئەسىردە ئىدىل دەرياسى بويىدىكى  ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈچلۈك بۇلغار خانلىغى ئىپتىدائى روسىيىنىڭ شەرقى بوسۇغۇسىدىلا بولسىمۇ ئىسلام دىنى روسىيەگە 13-ئەسىردىكى تاتار ئىشغالىيىتى بىلەن تەڭ كىرگەن بولۇپ  گەرچە تاتارلار روسىيىنى ئىشغال قىلغان مەزگىللەردە رۇسلارنى مەجبۇرى ئىسلاملاشتۇرۇش ھەركىتى قوللانغان بولسىمۇ رۇسلاردىن ئسلام دىنىغا كىرگەنلەر بولمىغان، ئاز ساندا مۇسۇلمان بولغانلارمۇ تاتارلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىپ رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلار گۇرۇھى بولمىغان.

16-ئەسىرلەردە

رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلار   16-ئەسىردە رۇسىيە كۈچەيگەندىن كېيىن ئاۋال قازان تاتار خانلىغى ئاندىن باشقىرت ۋە ئاستىراخان، قازاق خانلىقلىرىنىڭ روسىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ روسىيىدە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر بارلىققا كەلدى،19-ئەسىردە كاۋكاز نىڭ روسىيە تەرىپىدىن ئگەللىنىشى ۋە بىر قىسىم ئىران، تۈرك ئىمپىرىيىسى زىمىنىنىڭ روسىيە زىمىنىغا قوشۇلۇشى بىلەن روسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى، كاۋكازدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋاھابى ھەركىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا، تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلار رەسمى تۈردە تاتارلار يېتەكچى قىلىنغان بىر گۇرۇھ سۈپىتىدە ئىسلام دىنى ئارقىلىق ھەم ئۆز مىللى مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ، ھەم ياۋروپانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى بىر نەزەرىيە-جەدىت ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى.

 روسىيە قولىدىكى ئەسلىدىنلا تاتارلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قازان ،ئورېنبورگ، ئۇفا قاتارلىق جايلار يېڭى ئىسلام ئەقىدىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان، دىنى ماتىرىياللارنى ياۋروپانىڭ ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن بېسىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندى. لېكىن روسىيە ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە تاتار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئىزچىل چەتكە قېقىلىپ  دىنى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالماي كەلگەچكە ئسلام دىنى تاتارلار ئارقىلىق ئاز ساندىكى چۇۋاش(چۇۋاشلار ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى ، كېيىن رۇسلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىدا خىرىستىان پراۋىسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ) ،ئۇدمۇرت ، مارى ، ياقۇتلارغا تارالغاندىن باشقا تۈزۈك گۈللىنىشكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زۇلۇم ۋە ئېزىلىش تۈپەيلى پراۋىسلاۋ  دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلدى ياكى دىنسىزلاشتۇرىۋېتىلدى.

2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن

بولۇپمۇ ستالىن دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئىزچىل سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىدىغان، ھۆكۈمەت كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ كەلگەچكە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كاۋكازدىكى چېچىن–ئىنگۇش، كاباردىن، چېركەس، ئادىگەي قاتارلىق كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى ۋەقۇمۇق، نوغاي، قارا چاي-بالقار، مېشھەت  تۈركلىرى ، قىرىم تاتارلىرى پۈتكۈل مىللەت بويىچە سوۋېت  دۈشمىنى دىگەن بۆھتان بىلەن قارىلىنىپ، يۇرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ قازاقىستان، سىبىرىيە قاتارلىق جايلارغا بۆلۈنۈپ سۈرگۈن قىلىندى، سانسىز مۇسۇلمانلار سۈرگۈن جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى . . . يۇرتىدا قالغان مۇسۇلمانلار بولسا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل مەھرۇم قىلىنىپلا قالماي رۇسلارنىڭ ئسكەنجىسىدە سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈردى. خىرۇشېۋ دەۋرىدە خەلقارا جەمىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بېسىملار بىلەن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇرتىغا قايتىپ كېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ مىللى تىل ۋە دىنى ئېتىقاد پەقەت ئىرقى بەلگە سۈپىتىدىلا ساقلىنىپ قالغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى.

 سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە روسىيىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن تاتارىستان ، باشقىرتىستان ،چېچىنىيە ۋە داغىستان قاتارلىق مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرى مۇئەييەن ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولدى، بۇ مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنى پائالىيىتى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ھەركىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولغاچقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىسلام دىنى قايتىدىن گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، دىنى مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار مەسجىدلەرگە قايتىپ كەلدى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيە ھېلىھەم ئۆز زىمىنىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللى-دىنى ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ، مۇسۇلمانلارغا كۈچىنىڭ يەتكىنىچە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن توختاپ قالمىدى ۋە بۇ تۈپەيلى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئەيپلىشىگە ئۇچراپ كەلدى. 2002-يىلى 6-ئايدىكى قارا دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ۋە گىرۇزىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان كىراسنودار رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قانۇن ئارقىلىق رايون تەۋەسىدە مەسجىد سېلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىغى، ۋە ئىلگىرىكى دەۋرلەردە سۈرگۈن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ماكانىغا قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىغانلىغىدىنلا، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ھېلىھەم قانچىلىك دەرىجىدە بوزەك قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

ھازىرقى تەرەققىياتى

رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارئىسلام دىنى روسىيەدە ئىزچىل خاتا تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ قۇرئان گەرچە 19-ئەسىردە روسسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ روھانىلىرى تەرىپىدىن ، سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدە بولشىۋىكلار تەرىپىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ھەر ئىككىسىلا مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغاچقا قۇرئاننىڭ ئەينى مەزمۇنى بۇرمىلىنىپ دۇنيا ئىسلام جامائەتچىلىگىنىڭ  قاتتىق قارشىلىغىنى قوزغىغان ئىدى .تېخى2001-يىلىغا كەلگەندە قۇرئان ھەقىقى تۈردە تاتار مۇسۇلمان ئىمران دوكتۇر تەرىپىدىن روس تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە سەئۇدى پادىشاھىنىڭ پوندى بىلەن ھەقسىز بېسىپ كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە روسىيىدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى 20مىلىيوندىن كۆپرەك بولۇپ ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ %18دىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ . يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ رۇسلاردىن يۇقۇرى بولۇشى بىلەن بۇ نىسبەت بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە. دۇنيا ئىسلام كېڭىشىمۇ رۇسىيىنىڭ مۇسۇلمانلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىشىنى كۈزىتىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرىزدېنتى پۇتىننىڭ ئىلتىماسى بىلەن رۇسىيىنى دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى ۋە تاتارىستان، باشقىرتىستان، چېچىنىيە، داغىستان، قاراچاي، كاباردى، ئادىگەي قاتارلىق  مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دىنى مائارىپ ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە قوغدىدى.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#