شاكىرا

شاكىرانىڭ تولۇق ئىسمى شاكىرا ئىزابىل مۇبارەك بولۇپ 1977-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئىككى قېتىم گراممىي مۇكاپاتىغا، يەتتە قېتىم لاتىن گراممىي مۇكاپاتىغا، 11 قېتىم بىلبورد لاتىن مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شاكىرا
دۆلەت تەۋەلىكى كولۇمبىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1977-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
باشقا نامى شاكىرا ئىزابىل مۇبارەك
يۇرتى كولۇمبىيەنىڭ كارايىپ دېڭىزى قىرغىقىدىكى Barranquilla بازىرى
كەسپى ناخشىچى، مۇزىكانت، ئۇسسۇلچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاكىراشاكىرانىڭ تولۇق ئىسمى شاكىرا ئىزابىل مۇبارەك بولۇپ 1977-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كولۇمبىيەنىڭ كارايىپ دېڭىزى قىرغىقىدىكى Barranquilla دىگەن بىر كىچىك بازىرىدا تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئىككى قېتىم گراممىي مۇكاپاتىغا، يەتتە قېتىم لاتىن گراممىي مۇكاپاتىغا، 11 قېتىم بىلبورد لاتىن مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 215 مىلىيۇن ئادەم پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان 2010-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ ناخشىسى ۋاكا-ۋاكا بىلەن قايتىدىن سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلغان شاكىرا دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەم دىگۈدەك بىلىدىغان داڭلىق ناخشىچى، مۇزىكانت، ئۇسسۇلچى.

شاكىراشاكىرا كولۇمبىيەنىڭ كارايىپ دېڭىزى قىرغىقىدىكى Barranquilla دىگەن بىر كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى لىۋانلىق ئەرەپ، ئانىسى كاتالونىيە (ئىسپانىيەنىڭ ئاپتونۇم ئۆلكىسى) لىك بىلەن ئىتالىيەلىكتىن تۇغۇلغان كولۇمبىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئەرەب ۋە لاتىن ئىرقىنىڭ خارەكتېرىنى روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش ئىقتىدارى پەۋقۇلادە يۇقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدا قىزغىنلىق بىلەن سالاپەت يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىپ مىسلىسىز بىر مەنزىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈنچە ـ مارجان سودىسى قىلاتتى، دادىسى تېخى ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىقمۇ قىلىپ قوياتتى. دادىسىنىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن توققۇز بالىسى بار بولۇپ، شاكىرا ئۇنىڭ كېيىنكى ئايالىدىن بولغان بىردىن بىر پەرزەنتى ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالقىنىدا دىگۈدەك ئەتىۋارلىق چوڭ بولىدۇ. دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ شىئېر يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى شاكىرا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سەنئەت مۇكاپاتلىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئامىرىكا «دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىدىكى شەخس، لاتىن سەنئىتىنىڭ دۇنيادىكى بىر ماركىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

شاكىراشاكىرانىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى كىچىكىدىنلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئۇ ناخشا ئىجاد قىلىدۇ. ئون يېشىدا دۆلەتلىك سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ. 1990-يىلى 13 يېشىدا ئۇ مودېل بولۇش ئارزۇسى بىلەن پايتەخت ـ بوگوتاغا كەلگەن بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن Sony Colombian شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ساھىپجامال ناخشىچىغا ئايلىنىدۇ. 1991-يىلى ئۇ 8 يېشىدىن 13 يېشىغىچە ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىدىن تاللانغان تۇنجى ناخشىلار پىلاستىنكىسى «Magia»نى نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ئۇنى دۇنياۋى چولپان دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىسىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كولۇمبىيەدە نامى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى«Peligro»دىن رازى بولمىغان شاكىرا 1994-يىلى تېلۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىگە قاراپ قەدەم بېسىپ كۆپلىگەن «كۆپۈك تېلۋېزىيە تىياتىر»لىرىدا روللارغا چىقىدۇ. 1995-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ «Pies Descalzos»دىگەن پىلاستىنكىسى بىلەن ناخشا ساھەسىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ پىلاستىنكا تۆت مىليۇن نۇسخا سېتىلىدۇ. خاس لاتىن تولغىما ناخشا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ پىلاستىنكا لاتىن تىللىق دۆلەتلەردە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ ئۇنىڭغا مىسلىسىز شان ـ شەرەپلەرنى كەلتۈرىدۇ.

شاكىراشاكىرا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن بىراقلا لاتىن ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا «Oral Fixation 2»،«Fijacion Oral 1 Vol.1» پىلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. باررسىلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋە بۇ يىلقى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باش ناخشىلىرىنى ئورۇندايدۇ. ھازىرغىچە شاكىرانىڭ 8 ناخشا پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

2001-يىلىغا كەلگەندە شاكىرا «Laundry Service» ناملىق ئېنگىلىز تىلىدا تارقىتىلغان ناخشا پىلاستىنكىسى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا يۈرۈش قىلىدۇ. مەزكۇر پىلاستىكىدىكى ناخشىلارنىڭ سۆزى، مۇزىكىسى ۋە فىلىم ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى شاكىرا ئىشلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن لاتىن تىللىق ئاۋامنىڭ نەزىرىدە جېننىفېر لوپېزدىن كېيىنكى تەڭداشسىز دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىدۇ.

1998-يىلى شاكىرا ئۆزىگە «لاتىن ناخشا خانىشى» لىق تاجنى تەقدىم ئەتكەن «Donde Estan Los Ladrones» ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. بۇ پىلاستىنكا لاتىن ئامىرىكىسى ۋە ئامىرىكىدا 11 ھەپتىگىچە ناخشا پىلاستىنكىلىرى رەت تەرتىپىنىڭ 1-ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇ پىلاستىنكا بىلەن ئۇ 44-نۆۋەتلىك «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2000-يىلى ئۇنىڭ«Ojos Asi»ۋە«Octavo Dia» ناملىق ئىككى پىلاستىنكىسى بىرلا ۋاقىتتا «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

شاكىرانىڭ ناخشىلىرىدىن قىزغىنلىققا تولغان لاتىن مەنزىرىلىرىنى ۋە سەلدەك باستۈرۈپ كېلىۋاتقان تولغىما ئۇسلۇپنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. لىۋانلىق دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا يەنە ئۆزگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرقچە ئالاھىدىلىكلەرمۇ چاقناپ تۇرىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا زور ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىدۇ.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-60

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#