مەھمۇت ھامۇت

مەھمۇت ھامۇت

مەھمۇت ھامۇت 1946-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، مەھمۇت ھامۇت دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، رېژىسسور، ھازىرقى ئۇيغۇر كومېدىيە، تىياتىر-ئوپېرا رېژىسسورلۇقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ھازىر شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مەھمۇت ھامۇت
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەھمۇت ھامۇت 1946-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1967-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان، 1977-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر، ئوپېرا رېژىسسورلۇقى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئارتىس، رېژىسسور، كەسپىي خىزمەتكە مەسئۇل رەھبەر ۋە بەدىئىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلىگەن.

مەھمۇت ھامۇت دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، رېژىسسور، ھازىرقى ئۇيغۇر كومېدىيە، تىياتىر-ئوپېرا رېژىسسورلۇقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ھازىر شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەھمۇت ھامۇت 1972-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن «قىزىل چىراق خاتىرىسى»، چوڭ تىپتىكى تىياتىر «كۈرەش يولى»، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئوپېراسى«غېرىب-سەنەم»، دىراما «قىزچاق مەن بىلەن مېڭىڭ»، ئەزەربەيجان رېسپۇبلىكىسنىڭ داڭلىق ئوپېراسى « ئارشىن-مال ئالان»، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيەسى«ئىككى بايغا بىر مالاي»، رۇسىيەنىڭ ھەجىۋى تىياتىرى «ھەققانىيەت جامائەت پىكرى»، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوپېراسى «تاشۋاي» قاتارلىقلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك رول ئېلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1976-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، « قىزىل چىراغ خاتىرىسى»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «تەڭرى گۇۋاھ»، «خۇشال زامان»، «تىمتاس گۇگۇم»، «يىراق يۇرتقا مۇھەببەت»، «شىنجاڭ قىزلىرى»، «بۈيۈك دۇنخۇاڭ»، «ئايكۆلنى ئىزدەش»، « ئەزىم دەريا» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە مۇھىم روللارنى ئالغان.

1995-يىلىدىن باشلاپ «چىن مودەن»، «سىز بىزگە ئىشىنەمسىز؟»، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «غېرىب-سەنەم»، « قېرى ئاشىق-مەشۇقلار»، «سىرتماق»، «نۇرتاي ھاجى ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق ئوپېرا، دىراما، كومېدىيەلەرگە رېژىسسورلۇق قىلغان، 100دىن ئارتۇق كىچىك تىپتىكى دىراما، ئېتوتلارنى تەشكىللىگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاڭلاتقان ۋە ئۇيۇشتۇرغان ھەرخىل بەدىئىي فىلىملەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

مەھمۇت ھامۇت تىياتىرچىلىق سەنئىتى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان، ھازىر تۈرلۈك كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش ھەم دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلۋاتىدۇ.[0]



پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#