گىپپوگرات

گىپپوگرات

گىپپوگرات مىلادىدىن ئىلگىرى 460-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دوختۇر بولغانلىقتىن، كىچىكىدىنلا دادىسىدىن بەزى دوختۇرلۇق ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋالغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى گىپپوگرات
دۆلەت تەۋەلىكى يۇنان
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرى 370-يىلى
چەتئەلچە نامى Hippocrates
خەنزۇچە ئاتىلىشى 希波克拉底
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرى 460-يىلى
كەسپى دوختۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گىپپوگراتگىپپوگرات مىلادىدىن ئىلگىرى 460-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دوختۇر بولغانلىقتىن، كىچىكىدىنلا دادىسىدىن بەزى دوختۇرلۇق ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋالغان. كېيىن باشقا جايلارغا ساياھەتكە بارغان. بىر قېتىم ئۇ ئافىناغا بارسا ئۇ يەردە ۋابانى قوغلاش مەقسىتىدە، شەھەر بويىچە نۇرغۇن جايلاردا ئوت يېقىلغان. بۇ چاغدا گىپپوگرات بىرلا تۆمۈرچىگە كېسەل يۇقمىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوت يالقۇنى مىكروپنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئوت يېقىپ ۋابا كېسىلىنى قوغلىشى خۇراپاتلىق نۇقتىسىدىن چىققان. گىپپوگرات مۆتىۋەر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئىلاھنىڭ كېسەلنى داۋالىيالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشقا بەك قارشى تۇرغان. ئۇ ھەتتا ئىلاھىي كۈچكە زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلغان. بۇ شۇ چاغدىكى تىببىي ئىلىم ساھەسىدە كارامەت يېڭىلىق ھېسابلىناتتى. گىپپوگرات بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە كېسەلنى كۈزەتكەن دوختۇر، ئۇنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىسىدا، تىببى ئىلىم پەلسەپىدىن ئايرىلىپ چىققان. گىپپوگراتتىن كېيىنلا تىببى ئىلىم مۇستەقىل بىر پەن بولغان. گىپپوگرات ئادەم بەدىنىنى كۆپ تەتقىق قىلغان. ئۇ: ‹‹ئادەمنىڭ تېنىنىڭ ئىسسىق بولۇشى، ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتىن بولىدۇ، بۇنداق ئىسسىقلىق يۈرەكتىن چىقىدۇ›› دەپ قارىغان، ئۇ چاغدا بۇنداق توغرا مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن كارامەت ئىش ئىدى.

گىپپوگرات مىلادىدىن ئىلگىرى 370-يىلى ۋاپات بولغان.

گىپپوگراتئۇ چاغدا مىسىر دوختۇرلىرى كېسەلنى داۋالاشتا، ھەمىشە كېسەلنى ئاۋال بەش كۈن ئۇخلىتاتتى، بۇ ئۇسۇلدا ئۆلمەيدىغان كېسەلمۇ ئۆلۈپ كېتەتتى. گىپپوگرات بولسا ئۇنداق قىلماي كېسەل ئالدىغا كېلىشى بىلەنلا دەرھال داۋالاشقا كىرىشكەن، شۇڭا ئۇ داۋالىغان كېسەللەر كۆپىنچە ساقىيىپ كەتكەن. گىپپوگرات يەنە كېسەللەرنىڭ يېمەكلىك مەسىلىسىنى بىرىنچى بولۇپ تەتقىق قىلغان دوختۇر، ئۇ چاغدىكى دوختۇرلار، ھەمىشە كېسەلنى ئاچ قوياتتى، لېكىن گىپپوگرات ئۇنداق قىلمىغان. ئەگەر كېسەل بولغۇچى ئادەتتىكى تاماقنى يېيەلمىسە، ئۇ ھەتتا بۇغداي ئۇنىدىن ھالۋا ۋە ھەسەل شىرنىسى ياساپ كېسەلگە بەرگەن. قىزىتما ئۆرلەش توغرىسىدىمۇ ئۇ كېسەلنىڭ بەدىنى قىزىتما ئۆرلەش ئارقىسىدا ئاجىزلىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتنى ئازايتىش كېرەك. كېسەلگە بەك كۆپ، بەك تويغۇدەك تاماق بېرىۋەتمەسلىك لازىم دەپ قارىغان، لېكىن، ئۇ چاغدىكى دوختۇرلار قىزىتما ئۆرلەشنى قاتتىق ھەرىكەت بىلەن ۋە كۆپ تاماق بېرىش بىلەن داۋالىغان. 

ئۇنىڭ دادىسى 265 خىل رېتسىپ قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇنى ناھايىتى ئازلا ئىشلەتكەن. ئۇ شامال، سۇ، يۇلتۇزلار تۈركۈمى قاتارلىق ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ، «كېسەل خۇدانىڭ جازاسى» دېگەن سەپسەتىلەرگە قاتتىق قارشى تۇرغان. ئۇ: «ھەممە كېسەللىك تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، تەبىئەت دۇنياسى دېگىنىمىز سوغاق، ئىسسىق، شامال، قۇياش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت» دەيدۇ. دەرۋەقە ئۇنىڭ بەزى خاتا نەزىرىيلىرىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزى بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇز كۆتىرىلگەن ۋە يەتتە تىكەن يۇلتۇز ئولتۇرغان ۋاقىت ئاغرىق تازا ئەدىگەن ۋاقىت بولىدۇ دەپ ئىشەنگەن، بۇنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسىي يوق. گىپپوگرات ئادەمنىڭ ئىچ باغرىنى كۆرۈپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ چاغدا مىكروسكوپ يوق ئىدى. ئۇ خىمىينىمۇ بىلمەيتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، گىپپوگراتنىڭ كېسەلنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى نەرسىلەردىن تارقىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىرىنى ئېچىپ، كىشىلەرنى كېسەلدىن قورىقمايدىغان قىلغانلىقى، تىببىي ئىلىمنى دىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلدۇرغانلىقى، شۇنداقلا تىببىي ئىلىمنى مۇستەقىل پەنگە ئايلاندۇرغان. 

گىپپوگرات ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى غەرپ تىببىي ئىلمىنىڭ كلاسسىك ئەسىرى بولۇپ قالغان. بۇ ئەسەر ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، چوڭ تەرەپتىن ئېيتقاندا باش سۆڭەك ۋە كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى، كىچىك تەرەپتىن ئېيتقاندا مېڭە پەردىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆكرىكىدە بىر نەرسە سۈركەلگەندەك ئاۋاز پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئوخشاشلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە نۇرغۇن نەزىرىيىلەرنى ۋە پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەسىھەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، ئۇ دوختۇر بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق تەجرىبىلىرىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن خاتىرىلەپ تۇرۇشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىرىنىمۇ، مەغلۇبىيەتلىك بولغانلىرىنىمۇ تەپسىلىي يېزىپ مېڭىشى لازىم دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە، دوختۇر كېسەلگە قارىتا قىلغان داۋاسىدىن گۇمان قىلسا، كەسىپداشلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك، دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان غەرب تىببىي ئىلىم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭگۈشتىرى بولۇپ قالغان.

قەدىمكى زاماندا ئىنسانلار كېسەل داۋالاشتا ئىلاھقا سېغىناتتى، ئۇ چاغدا، ئىبادەتخانىلاردىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ ئۆزىلا دوختۇر ئىدى. ئۇلار ئىلاھ نامى بىلەن كېسەلنى ئالداپ پۇل ئالاتتى، خۇراپاتلىق بىلەن كىشىلەرنى نادانلىقتا قالدۇراتتى. بەزىلەر ئاغرىپ قالسا، ئۇنىڭ كاللىسىنى تېشىپ قانداقتۇر جىننى قوغلاش ئۈچۈن تۆشۈك تەشتۇق دەۋالاتتى. شۇڭا ئۇ چاغدا، ھەقىقىي دوختۇرلارغا پەقەت چىقىش يولى يوق بولۇپ، مۆتىۋەرلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرايتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قەدىمكى يۇناندىن گىپپوگرات دېگەن مەشھۇر دوختۇر چىققان. ئۇ كېسەلنى داۋالىيالايدىغان ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئۇ كىشىلەرنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئادەمدە كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#