مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى›› (1982-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1982-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان).

ئۇيغۇرچە نامى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى
خەنزۇچە نامى 全国人大组织法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى›› (1982-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1982-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان).

1 – باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى

1 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە چاقىرىلىدۇ.

ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنى شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئاي ئىچىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ.

2 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن، يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ۋە يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي ئىشلارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئۇقتۇرىدۇ.

يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قەرەلسىز چاقىرىلىدىغان يىغىنلىرىغا باب كەلمەيدۇ.

3 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلانغان ۋەكىللەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ لاياقىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ لاياقىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى سۇنغان دوكلاتقا ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ لاياقىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ياكى ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ سايلانغانلىقىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ، ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكىنى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تولۇقلاپ سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك لاياقىتى يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ.

4 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلام ئورۇنلىرى بويىچە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىل قىلىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقىنى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

 ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن يىغىننىڭ تەييارلىقى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ؛ يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قويۇلغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىدۇ ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ياكى ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرسەتكەن ۋەكىل قارىلىدىغان تەكلىپلەر ئۈستىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى نامىدىن ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

5 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتىنى ۋە باش كاتىپىنى سايلايدۇ، شۇ قېتىملىق يىغىندا قارىلىدىغان ئىشلارنى ۋە باشقا تەييارلىق ئىشلىرى توغرىسىدىكى قارارلارنى ماقۇللايدۇ.

 تەييارلىق يىغىنىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

6 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا ھەيئەت رىياسەت رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت ئۆز ئىچىدىن يىغىننى نۆۋەت بىلەن باشقۇرىدىغان بىرقانچە ئىجرائىي  رەئىس سايلايدۇ.

ھەيئەت رىياسەت ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنى چاقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بىرقانچە دائىمىي رەئىس سايلايدۇ.

7 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا باش كاتىپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا بىرقانچە مۇئاۋىن باش كاتىپ قويۇلىدۇ. مۇئاۋىن باش كاتىپلارنىڭ نامزاتلىرىنى ھەيئەت رىياسەت بەلگىلەيدۇ.

8 - ماددا  گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى خادىملار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ؛ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدارە، تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ھەيئەت رىياسەتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

9 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇشنى ياكى شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، دوكلات يوللىشىغا تاپشۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ھەيئەت رىياسەت قاراپ چىقىپ، قۇرۇلتايدا ئاۋازغا قويۇشنى بەلگىلەيدۇ.

10 - ماددا  بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بېرىشكە تاپشۇرىدۇ، ئۇلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ.

11 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى تەكلىپ قويغۇچى قۇرۇلتايدا ئاۋازغا قويۇلغۇچە ياندۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ئىشى دەرھال توختىتىلىدۇ.

12 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى، قانۇنلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ۋە باشقا تەكلىپلەرنى ماقۇللىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

13 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقىنىڭ، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنىڭ، باش كاتىپىنىڭ ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنىڭ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ نامزاتىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ نامزاتىنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ نامزاتلىرىنى ھەيئەت رىياسەت كۆرسىتىدۇ، بۇ نامزاتلار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسى ۋە كېڭىشىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەنە ھەيئەت رىياسەت كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن رەسمىي نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بەلگىلەيدۇ.

14 - ماددا  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ ۋە گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان رەئىستىن باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كۆرسىتىلىدۇ.

15 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى ئوندىن بىرقىسىمدىن ئارتۇق ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسىنى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ قويسا بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

16 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30دىن ئارتۇق ۋەكىل گوۋۇيۈەنگە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىغا، كومىتېتلىرىغا قەغەز يۈزىدە سوئال قويسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت سوئاللارنى سوئال قويۇلغان ئورگاننىڭ قەغەز يۈزىدە جاۋاب بېرىشىگە ياكى سوئال قويۇلغان ئورگاننىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنلىرىدا ياكى ئالاقىدار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ.

ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنلىرىدا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلگەندە، سوئال قويغۇچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ياكى سوئال قويغۇچى ۋەكىل يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

17 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ۋەكىللەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سوئال قويسا، ئالاقىدار ئورگانلار ئادەم ئەۋەتىپ، ۋەكىللەر گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يىغىنلىرىدا ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

18 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى سايلام ئۆتكۈزگەندە ۋە تەكلىپلەرنى ماقۇللىغاندا، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ياكى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ياكى باشقا ئۇسۇلنى قوللىنىشنى ھەيئەت رىياسەت بەلگىلەيدۇ.

19 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەرجىمانلارنى ھازىرلايدۇ.

20 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى ئاشكارا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن مەخپىي ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ.

21 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەملكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن مەسلىھەت، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىشىغا ھەمدە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

2 - باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى

22 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

23 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:

كومىتېت باشلىقى،

مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى،

باش كاتىپ،

كومىتېت ئەزالىرى.

دائىمىي كومىتېتنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ئارىسىدىن سايلىنىدۇ.

دائىمىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك؛ ئەگەر يۇقىرىقى ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتىسە، دائىمىي كومىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى شەرت.

24 - ماددا  دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنىغا ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى كومىتېت باشلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كومىتېت باشلىقىنىڭ بىرقىسىم ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.

 كومىتېت باشلىقى سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئىشقا چۈشەلمىسە ياكى ئۇنىڭ ئورنى بوش قالسا، كومىتېت باشلىقى ساقايغۇچە ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭىدىن كومىتېت باشلىقى سايلىغۇچە، دائىمىي كومىتېت مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ئىچىدىن بىركىشىنى مۇۋەققەت كومىتېت باشلىقى قىلىپ سايلايدۇ.

25 - ماددا  دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپىدىن تەشكىل قىلىنغان كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىدۇ:

(1) دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەر سانلىق يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ، يىغىندا قارىلىدىغان ئىشلار كۈنتەرتىپىنىڭ لايىھىسىنى تۈزىدۇ؛

(2) دائىمىي كومىتېتقا قويۇلغان تەكلىپ ۋە سوئاللارنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇشنى ياكى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى بەلگىلەيدۇ؛

(3) مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرىدۇ؛

(4) دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىرتەرەپ  قىلىدۇ.

26 - ماددا  دائىمىي كومىتېتتا ۋەكىللەرنىڭ لاياقىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ.

 ۋەكىللەرنىڭ لاياقىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللايدۇ.

27 - ماددا  دائىمىي كومىتېتقا باش كاتىپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان ئىشخانا تەسىس قىلىنىدۇ.

 دائىمىي كومىتېتقا بىرنەچچە مۇئاۋىن باش كاتىپ قويۇلىدۇ، ئۇلارنى كومىتېت باشلىقىنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن دائىمىي كومىتېت تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ.

28 - ماددا  دائىمىي كومىتېت ئېھتىياجىغا قاراپ خىزمەت كومىتېتلىرى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

 خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرىنى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋە ئەزالىرىنى كومىتېت باشلىقىنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن دائىمىي كومىتېت تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ.

29 - ماددا  دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنىنى كومىتېت باشلىقى چاقىرىدۇ، يىغىن ئادەتتە ئىككى ئايدا بىرقېتىم ئېچىلىدۇ.

30 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىش ئۈچۈن، كومىتېت مۇدىرىنى ياكى مۇئاۋىن مۇدىردىن بىرنى ئەۋەتسە بولىدۇ.

31 - ماددا  دائىمىي كومىتېت قاراپ چىقىدىغان قانۇن توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ۋە باشقا تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت ئۆز تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ماقۇللايدۇ.

32 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس  كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، دوكلات يوللىشىغا تاپشۇرۇپ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بەلگىلەيدۇ.

 دائىمىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى خادىملاردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقىنى ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات يوللىشىغا تاپشۇرۇپ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بەلگىلەيدۇ.

33 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى خادىملاردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى گوۋۇيۈەن ئۈستىدە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى ئۈستىدە، كومىتېتلىرى ئۈستىدە دائىمىي كومىتېتقا قەغەز يۈزىدە سوئال قويسا بولىدۇ، بۇ سوئاللارنى سوئال قويۇلغان ئورگاننىڭ قەغەز يۈزىدە جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى ياكى سوئال قويۇلغان ئورگاننىڭ رەھبەرلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنلىرىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بەلگىلەيدۇ. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنىدا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلگەندە، دائىمىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى سوئال قويغۇچى خادىملار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

34 - ماددا  دائىمىي كومىتېت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى لازىم.

3 -  باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كومىتېتلىرى

35 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنى، قانۇن كومىتېتىنى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنى، مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىشنى زۆرۈر تاپقان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

مەخسۇس كومىتېتلار مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، قۇرۇلتاي ماقۇللايدۇ. قۇرۇلتاينىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋە بىرقىسىم ئەزالىرىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ كۆرسىتىشى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تولۇقلاپ تەيىنلەيدۇ.

36 - ماددا  مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى كومىتېتلارنىڭ يىغىنلىرىغا ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن مۇدىرلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

 مەخسۇس كومىتېتلار خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇتەخەسسىسلەردىن بىرنەچچىنى مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىسە بولىدۇ؛ مەسلىھەتچىلەر مەخسۇس كومىتېتنىڭ يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلالايدۇ.

 مەسلىھەتچىلەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ.

37 - ماددا  مەخسۇس كومىتېتلار تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ:

(1) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تاپشۇرغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىدۇ؛

(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان، ئۆز كومىتېتىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلار ئۈستىدە تەكلىپ بېرىدۇ؛

(3) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت دەپ قارالغان گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىنىڭ، كومىتېتلىرىنىڭ بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە نىزاملىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى شۇنىڭدەك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قارار، بۇيرۇق ۋە نىزاملىرىنى قاراپ چىقىپ، دوكلات يوللايدۇ؛

(4) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن قويۇلغان سوئاللارنى قاراپ چىقىدۇ، سوئال قويۇلغان ئورگاننىڭ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بۇ ھەقتە دوكلات يوللايدۇ؛

(5) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان، ئۆز كومىتېتىغا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ.

مىللەتلەر كومىتېتى يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرىنى قاراپ چىقىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات يوللايدۇ.

 قانۇن كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا سۇنىلىدىغان قانۇن لايىھىلىرىنى بىرتۇتاش قاراپ چىقىدۇ؛ باشقا مەخسۇس كومىتېتلار ئالاقىدار قانۇن لايىھىلىرى ئۈستىدە قانۇن كومىتېتىغا پىكىر بېرىدۇ.

38 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالاھىدە مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

39 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنىدىن كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنىغىچە بەش يىل بولىدۇ.

40 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى لازىم.

41 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى لازىم، ئۇلار ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇندىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

42 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا ۋە ۋەكىللەرگە خاس باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندە، دۆلەت ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا لايىقىدا قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ ۋە ماددىي جەھەتتىن ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.

43 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

44 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە سوتقا تارتىلمايدۇ.

 ئەگەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى نەق جىنايەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىجرا قىلغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە  ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى لازىم.

45 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى  سايلىغان ئورۇنلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچى ئورۇنلار ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشتا، ئۇلارنى سايلىغان ئورۇندىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم.

 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ۋەكىللىكتىن قالدۇرسا بولىدۇ.

قالدۇرۇلغان ۋەكىل ئۆز پىكرىنى شۇ يىغىنغا قاتنىشىپ ياكى يېزىپ ئىزھار قىلسا بولىدۇ.

ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.

46 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدىغان بولۇپ قالسا، سايلىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ سايلايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كەم قالغان ئايرىم ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلىسا بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#