ئارخىمېد

ئارخىمېد

ئارخىمېد مىلادىدىن ئىلگىرى 287-يىلى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سىسلى ئارىلىدىكى سىراكۇز شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئارخىمېد
دۆلەت تەۋەلىكى يۇنان
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 287-يىلى
كەسپى ئالىم، ماتېماتىك، فىزىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿基米德
يۇرتى سىراكۇز
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 212-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارخىمېدبۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى يۇنان (ھازىرقى گرېتسىيە) دا ئارخىمېد دېگەن بىر فىزىك ۋە ماتېماتىك ئۆتكەن. ئارخىمېد مىلادىدىن ئىلگىرى 287-يىلى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سىسلى ئارىلىدىكى سۈراكۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ 75 يىللىق ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئارخىمېد 11 ياشقا كىرىش بىلەنلا ئىسكەندىرىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، ئۇ يەر شۇ زامانلاردا دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن مەركىزى ئىدى. ئارخىمېد ئىنتايىن تىرىشچان بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىنى بىلىۋېلىش بىلەنلا قالماي، مېخانىكىنىمۇ بىلىۋالىدۇ. بىر قېتىم ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە: «سىلەر ماڭا پۇت قويغىدەك يەر تېپىپ بېرىدىغان بولساڭلار، مەن يەر شارىنىمۇ قىمىرلىتالايمەن» دېگەن. بەزىلەر ئۇنى پو ئېتىۋاتىدۇ، دېيىشكەن، ياق، ئۇنداق ئەمەس! ئۇ شۇ چاغدا پىشاڭ بىلەن كۈچنى تېجەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تاپقانلىقى ئۈچۈنلا ئەنە شۇنداق سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالىغان.

شۇ چاغدا، خيېلو پادىشاھى مىسىر پادىشاھى ئۈچۈن چوڭ بىر كېمە ياساتقان بولۇپ، بۇ كېمىنىڭ ھەجمى بەك چوڭ، ئېغىر بولغاچقا ئۇنى سۇغا چۈشۈرۈشكە ھېچ ئامال قىلالمىغان. كېيىن، ئارخىمېدنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن، ئۇ كېمىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىشەنچلىك ھالدا: «مەن كېمىنى سۇغا چۈشۈرەلەيمەن!» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر يۈرۈش مۇرەككەپ پىشاڭ ۋە غالتەكلەرنى لايىھىلەپ ياساشقا كىرىشىپ، مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن كېمىنى سۇغا چۈشۈرمەكچى بولغان.

چوڭ كېمە سۇغا چۈشۈرۈلىدىغان كۈنى پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ، ھەممە ئادەم ئارخىمېدنىڭ كارامىتىنى كۆرمەكچى بولۇشقان. ھەممە پىشاڭ ۋە غالتەكلەر ئورنىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئارخىمېد ئەڭ ئاخىرقى باش ئاغامچىنى خيېلو پادىشاھسىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئاغامچىنى تارتقۇزغاندا، كېمە ئاستا-ئاستا قوزغالغان، بۇ چاغدا مىڭلىغان كۆزلەر چوڭ كېمىگە تىكىلىپ، ئاستا-ئاستا سۇغا كىرگەندە، ھەممە ئادەم چۇقان كۆتۈرۈشۈپ كەتكەن. خيېلو پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ ھەيرانلىق بىلەن بىر ئېغىزدىن: «بۇ سېھرىگەرلىككە ئوخشاش كارامەت ئىش بولدى» دېيىشكەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دەرھال ئادەم چىقىرىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن، ئارخىمېد قانداقلا گەپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار» دېگەن ئېلاننى چاپلاتقۇزغان.

ئارخىمېد بۇ غەلبىگە مۇشەققەتلىك جەريان ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىدى، مەسلەن، ئۇنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئادەتتە، ئۇ ھەر كۈنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەندە، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدىكەن، تاماق يېگەندە، ھەمىشە ۋىلكا بىلەن جوزىغا ئۈچ بۇلۇڭ، كۋادراتلارنى سىزىپ ئولتۇرىدىكەن-دە، تامىقى مۇزلاپ كەتسىمۇ بىر چىشلەممۇ تاماق يىمەيدىكەن. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى يۇغاندىمۇ يۈز يۇيىدىغان داسقا بىر نېمىلەرنى سىزىدىكەن. بىر قېتىم، پادىشاھ ساپ ئالتۇندىن بىر تاج ياسىتىپ، زەرگەر ئۇنىڭغا باشقا مېتال ئارىلاشتۇرۇپ قويدىمىكىن دەپ ئىشەنچ قىلالماي، ئارخىمېدنىڭ تەكشۈرۈپ بېقىشىغا بېرىپتۇ. ئارخىمېد بۇنىڭ بىلەن توسىلىپ قېلىپ، قاتتىق باش قاتۇرۇپتۇ، ئەمما ھېچ ئامال تاپالماپتۇ. شۇ كۈنى ئۇ يۇيۇنماقچى بولۇپ، ۋاننىدىكى سۇغا پۇتىنى سېلىشىغا سۇ يۇقىرى ئۆرلەپتۇ، ئاستا ئولتۇرغان ئىكەن، سۇ ۋاننىدىن تېشىپ چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، سۇنىڭ ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭمۇ يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، ئۇ بىردىنلا چۈشىنىپتۇ-دە، ئالمان-تالمان ۋاننىدىن سەكرەپ چىقىپ: «بىلدىم! ئەمدى بىلدىم!» دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ، ئەتراپتىكىلەر ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئۇنى نېرۋا كېسىلى بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ پادىشاھ تاجىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنىڭ چارىسىنى تاپقان ئىكەن.

ھەممىگە مەلۇمكى، يۇيۇنماقچى بولۇپ سۇغا كىرگەندە سۇ جەزمەن يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچى بىلەن، بەدەنمۇ يېنىكلەيدۇ. ئارخىمېد مۇشۇ ئاددى ئىشتىن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان سىرنى بايقىغان، ئۇ، ئەگەر تاج سۇغا پاتۇرۇلغاندىن كېيىن تېشىپ چىققان سۇ مىقدارىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىگى شۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى ساپ مېتال سۇغا پاتۇرۇلغاندىن كېيىن تېشىپ چىققان سۇ مىقدارىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىگى بىلەن تەڭ چىقمىسا زەرگەر پادىشاھغا ياساپ بەرگەن تاجىغا جەزمەن باشقا مېتال ئارىلاشتۇرغان بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەڭ مەشھۇر بولغان لەيلىتىش كۈچى قائىدىسى دېگىنىمىز مۇشۇ شۇ. مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: سۇيۇقلۇققا پاتۇرۇلغان جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى، شۇ جىسىم سىقىپ تۇرغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ، دېگەن مەشھۇر ئارخىمېد قانۇنى بارلىققا كەلگەن. ئارخىمېد ئاسترونومىيە ۋە ھاۋا رايىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئاي، كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ بىر مۇنچە شارلارنى ياساپ، ئۇلارنى ئىنچىكە يىپ ۋە تاياقچىلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىپ، سۇنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن كۈننىڭ ۋە ئاينىڭ تۇتۇلىشىنى تولۇق دەللىلەپ بېرىش مۇمكىن بولغان.

ئارخىمېد ياشىنىپ قالغان چاغدا، ئۇنىڭ ۋەتىنى بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ. ماسراس رىم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئۇ تۇرغان شەھەرنى قورشىۋالىدۇ. رىم ھەربىي كېمىلىرى ۋەتەننىڭ پورتىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. ئارخىمېد گەرچە ئۇرۇشنى قۇۋەتلىمىسىمۇ، لېكىن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ۋەتەننى قوغدايدۇ.

ئۇ تاش ئاتىدىغان بىر خىل سالغا ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يوغان تاشلارنى رىم ھەربىي كېمىسىگە ياكى گازارمىسىغا ئېتىش مۇمكىن بولغان. تاش ئاتىدىغان سالغا رىم ئەسكەرلىرىگە ناھايىتى قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ئارخىمېد ياساپ چىققان تۈرلۈك ھەربىي قوراللارنىڭ زەربىسى بىلەن، رىم ئەسكەرلىرىنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قوماندانى ماسراس ئۇرۇش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ھۇجۇم قىلماسلىققا بۇيرۇق بېرىدۇ، ئەمما شەھەردىكىلەرنى قامال قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. رىم ئەسكەرلىرى شەھەرنى ئۇزاق ۋاقىت قورشىۋالغانلىقى ئۈچۈن، شەھەردە ئوق-دورا، ئوزۇق-تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بۇ چاغدا قوماندان ماسراس شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. رىم ئەسكەرلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان چاغدا، ئارخىمېد يەنىلا ئۆيىدە ئۆز ماتېماتىكىسىنى تەتقىق قىلىۋېرىدۇ ۋە ھەربىي زاۋۇتنىڭ قورال-ياراغ ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ، ئازىراق ۋاقىت تاپسىلا يەنە قايتىپ ئۆزىنىڭ ئابىستىراكىت دۇنياسىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئۇرۇش بولمىغاندەكلا يۈرىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ كاللىسىنى كۋادىرات، چەمبەر، ئۈچ بۇلۇڭلار، يەر شارى، قۇياش ۋە ئاي چۇلغىۋالىدۇ. ئۇ ئىلىم دېڭىزىغا شۇنداق پېتىپ كەتكەن ئىدىكى، ھەتتا رىم ئەسكەرلىرىنىڭ شەھەرگە بېسىپ كىرگەن ۋاقىتتىكى شاۋقۇن-سۈرەنلىرىمۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئاھ-زار چېكىپ ئىڭرىغان ئاۋازىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ. ئۇ يەرشارىنى ۋە سەييارىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىۋاتقان قۇدرەتلىك كۈچ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا پېتىپ بىر ئىسخېما سىزىپ ئولتۇرغان بىر جىنايى قاراڭغۇ كۆلەڭگە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ، ئۇ دەررۇ ئېسىنى يىغىپ: «يوقال كۆزۈمدىن! ئىسخېمامنى بۇزۇۋەتتىڭ، تېز يوقال!» دەپ غەزەپ بىلەن توۋلايدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى بېسىلىش بىلەن تەڭلا ئۇنىڭغا تەڭلەنگەن قىلىچ كاللىسىغا چېپىلىدۇ، ئارخىمېدنىڭ زېرەك كاللىسى تېنىدىن جۇدا بولىدۇ.. بۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 212-يىلى.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#