گۈلزار نۇردۇن

گۈلزار نۇردۇن

گۈلزار نۇردۇن 1974- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى توقسۇ ناھىيەسىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈلزار نۇردۇن
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1974- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 54 كىلوگىرام
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى
بوي ئېگىزلىكى 163 سانتىمېتىر
كەسپى ئاۋاز ئارتىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 گۈلزار نۇردۇن 1974- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى توقسۇ ناھىيەسىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى.

گۈلزار نۇردۇنگۈلزار نۇردۇن 1991- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئابونتلار بۆلۈمىگە ئىشقا چۈشكەن. 1994- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزىگە خىزمەتكە چۈشكەن. 1994- يىلى تاسادىپىي پۇرسەتتە تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، ئاۋاز ئارتىسلىقى بىلەن شۇغۇللانغان.

گۈلزار نۇردۇن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلىتىمىز ۋە چەتئەل ھېكايە فىلىملىرىدىن «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمە» فىلىمىدىكى ناتالىيەگە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۈەنجۇ» فىلىمىدىكى شىياۋيەنزىگە، «دوك ۋەزىر لىيۇيۇڭ» فىلىمىدىكى شيائېرغا، «يۈز كۈنلۈك خوتۇن» فىلىمىدىكى گاۋمېيرىنغا، كورىيە كۆپ قىسىمىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم» فىلىمىدىكى كومجۇغا، «كۆرۈمسىز قىز لېتسىيە» فىلىمىدىكى لېتسىيەگە، كارتون فىلىم «كۆك مۈشۈكنىڭ 3000 سۇئالى» فىلىمىدىكى چاشقانغا ئاۋاز بەرگەن.

 «دوك ۋەزىر لىيۇيۇڭ»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمە» قاتارلىق فىلىملەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ساماۋى كۆۋرۈك» مۇكاپاتىغا ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك «كۈمۈش تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گۈلزار نۇردۇن ھازىر دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#