ئەمۋاي شىركىتى

ئەمۋاي شىركىتى

 1959–يىلى ئامېرىكا مىچىگان شىتاتى ئادا شەھرىدىكى بىر يەر ئاستى ئۆيدە، ئەقىللىق تىرىشچان ئىككى ياش رىچ.دېۋىس بىلەن جېي ۋىن ئەندىل بىر شىركەت قۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىنى ئەمۋاي دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئىككى ياش ئائىلەردە ئىشلىتىلىدىغان قۇيۇقلاندۇرۇلغان تازىلاش سۇيۇقلىغا تايىنىپ، كىيىنچە پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان سودا ئىشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەمۋاي
شىركەت تىپى بېۋاستە سېتىش شىركىتى
باش شىتابى ئامېرىكا ئادا شەھىرى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى
خىزمەتچى سانى تۆت مىلىيونغا يېقىن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 安利
كەسپ تەۋەلىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى
قۇرغۇچىسى رېچارد دېۋېس، جېي ۋىن ئەندىل
يىللىق ئوبوروتى 11 مىليارد 800 مىلىيون دوللار
توربېكىتى www.amway.com

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەد كۆتۈرۈشى

ئەمۋاي شىركىتىئەمۋاي ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاب-ئوقىبەتلەرگە دۇچار بولغان. 20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدا ئەمدىلا قەدەم ئىلىشقا باشلىغان ئەمۋاي تۇنجى قېتىم غايەت زور ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. دەھشەتلىك ئوت ئاپىتى ئەمۋاي شىركىتىنىڭ ئادا شەھرىدىكى باش شىتابىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. لېكىن شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بۇ قېيىنچىلىقتىن قورقۇپ قالماي قايتا قۇرۇشقا بەل باغلىدى. 70–يىلىنىڭ باشلىرىدا زاۋۇت يېپيىڭى قىياپەتتە ئۆز ئورنىدا قايتىدىن قەد كۆتۈردى. ئوت ئاپىتىدىن كىيىن ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن ئەمۋاي شىركىتى 1975–يىلى ئامېرىكا فىدراتسىيە سودا كومتىتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. سودا كومتېتى ئەمۋاي شىركىتىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى سودا ئالدامچىلىقىغا چېتىلىدۇ دەپ ئەيىپلىدى. بۇ ئەيىپلەش شىركەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە مەۋجۇدلىقىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتتى. لېكىن ئەمۋاي شىركىتى ھەقىقىي بازار قىممىتىگە ئىگە مەھسۇلاتلىرى، شىركەتكە قاتناشقانلاردىن مەبلەغ تەلەپ قىلماسلىق سىياسىتى، مال قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ۋە تىجارىتىگە قاراپ مۇكاپاتلاش تۈزىمىگە تايىنىپ تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. شۇ قېتىمقى داۋالغۇشتىن كىيىن ئەمۋاينىڭ كەسىپ ئەندىزىسى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. ئەمۋاينىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى دۇرۇس تىجارەت بىلەن ئالدامچىلىققا باھا بېرىشنىڭ ئۆلچەمگە ئايلاندى.

ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى

ئەمۋاي شىركىتى20–ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەمۋاي شىركىتى ئۈچىنچى قېتىملىق خېرىسقا دۇچ كەلدى. يەنى شىركەتنىڭ ئىككى ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش ۋە ئۆتكۈزىۋىلىش ئىشىغا دۇچ كەلدى. سودا تەرەققىيات تارىخىدا جەمەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلەن ئىككىنچى ئەۋلات رەھبەرلىرىنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە ئۆتكۈزۋېلىش جەريانىدا داۋالغۇش تەكرارلىنىپ تۇرىشى مۇمكىن. لېكىن ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋىن ئەندىل ۋە دېۋىسدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ جەمەتنىڭ ۋارىسلىرى ھوقوقنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۋالدى ۋە شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. يىڭى ئەۋلاد رەھبەرلەر ئىچىدە ئەمۋاي شىركىتى مۇدىرىيتىنىڭ رەئىسى سېتىف ۋىن ئەندىل ئەپەندى ئىلگىرى كىيىن بولوپ ئامېرىكا سودىگەرلەر جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى ھەمدە ئاخپارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئامېرىكا دوستلۇق ئەلچىسى» دىگەن باھالارغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 3-ئايدا دې دېۋوس ئەپەندى ئامېرىكا پارلامىنىتىدا سۆز قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جۇڭگوغا قاراتقان تاشقى سودا سىياسىتى جەھەتتە ئاقىلانە ۋە ئوبىكتىپ جەھەتتە ئىش كۆرۈشكە مۇراجەت قىلدى. ئەمۋاي شىركىتىنىڭ سابىق لېدىرى دوگ دېۋوس ئەپەندى ھازىر دۇنيا بىۋاستە ساتقۇچىلار ئىتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بىۋاستە سېتىش كەسپىنىڭ دۇنيادا ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۋاتىدۇ. يىڭى بىر ئەۋلات رەھبەرلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىدا ئۈزلۈكسىز يىڭى رىكورت يارىتىلماقتا. ئەمۋاينىڭ تىجارىتىمۇ غايەت زور كۈچ بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيۋاتىدۇ.

مىسلىسىز تەرەققىيات

ئەمۋاي شىركىتىتىجارەت كەسپىدە دۇنياۋى سەركىگە ئايلانغان ئەمۋاي شىركىتى بازارلانىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ساتقۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلۋاتىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز بازار ئېچىش ۋە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە يەر شارىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتتى. شىركەت تىجارەت باشلاپ 3 يىلدىن كىيىن رېچ بىلەن جېي كانادادا تۇنجى تارماق شىركىتىنى قۇرۇپ شىركەتنىڭ يەرشارىغا كېڭىيىشتىن ئىبارەت تۇنجى قەدىمىنى باستى. 20-ئەسىنىڭ 70-يىللىرىدا ئەمۋاي شىركىتى ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، جۇڭگو، شىياڭگاڭ، گېرمانىيە، مالايسىيا، فرانسىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا شۆبە شىركەتلىرىنى قۇرۇپ تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويغان. 80-يىللاردا يەنە 10 دۆلەتتە شۆبە شىركەت قۇرغان. ئەمۋاي شىركىتىنىڭ شۆبە شىركەتلىرى ئاسىيا، ياۋروپا، ئوكيانىيە، جەنۇبى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتەلىرىگە تارقالغان. 90-يىللاردا ئەمۋاي مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ تىجارىتىنى 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيگەن. 2000 – يىلىدىن كېيىن ئەمۋاي تىخىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان ۋە كېڭەيگەن. ھازىر ئەمۋاينىڭ 110 دىن ئارتوق دۆلەتتە شۆبە شىركەتلىرى 4 مىلىيونغا يېقىن جانلىق تىجارەتچىسى بار. 1995 يىلى ئەمۋاي شىركىتى جۇڭگودا شۆبە شىركىتىنى قۇرۇپ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچتى. 14 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگو ئەمۋاي شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندى. كۆلىمى 14000 كىۋادىرات مېتىر كىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمۋاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغان. 2004–يىلى جۇڭگودا شۆبە شىركىتىنى قۇرۇپ،تەرەققىيات تارىخىدا يىڭى بىر سەھىپىنى ئاچتى. 17 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگو ئەمۋاي شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان. كۆلىمى 14 مىڭ كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان گۇاڭجۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئەمۋاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغان. 2004-يىلى جۇڭگودىكى ئەمۋاي شىركىتىنىڭ تىجارەت سوممىسى بىر مىلىيارىد 700 مىلىيون يۈەن خەلىق پۇلىغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگودىكى سانسىزلىغان كىشىلەرگە ئادىل قەدەم تاشلايدىغان، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغان ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىلدى. ھازىر ئەمۋاينىڭ دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە خىزمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆلىمى 950 مىڭ كۇۋادىرات مىتىرغا يەتكەن، بۇ 235 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كىلىدۇ. ھازىرقى ئەمۋاينىڭ مەيلى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، مەھسۇلات سۈپىتى، ئىگىلىك باشقۇرۇش كارخانا مەدەنىيتى ياكى ئىجتىمائىي تەسىر جەھەتتىن بولسۇن، دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا خاس سالاپىتىنى نامايەن قىلدى.

ئەمۋاي شىركىتىئەلا سۈپەتلىك سالامەتلىكككە پايدىلىق، مۇھىت ئاسرايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمۋاي ئىشلىرىنىڭ ئۇلى. ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى تەبىئىي خام ئەشيالاردىن ياسالغان بۇلۇپ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، مەھسۇلاتلارنى ياساش، ئوراپ قاچىلاشتا مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا شىركەت مۇھىت ئاسراشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلۋاتىدۇ، شۇڭا ئەمۋاي شىركىتى دۇنيادىكى ھەر دەرىجىلىك نوپوزلۇق ئورگانلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، تەقدىرلىشى ھەم سانسىزلىغان ئستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمۋاينىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكا سەۋىيسىگە ئىگە ئۈسكۈنىلىرى، تەجىرىبىخانىلىرى،1000 دىن ئارتۇق تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسى، 1000دىن ئارتۇق پاتنىتى بار، يەنە 800 دىن ئارتۇق پاتنىتى ئىلتىماس قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە داڭقى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئەمۋاي سالامەتلىككە پايدىلىق، مۇھىت ئاسرايدىغان ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى دۇنيادىكى كۈنسايىن كۆپىيۋاتقان، خېرىدارلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ھەر يىلى يىڭى بازارلارنى ئېچىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەمۋاينىڭ كارخانا مەدەنىيتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تىجارەت ئۇسۇلى ماركىتىڭ خادىملىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ھەر قايسى يەرلەرگە يەتكۈزىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ماركىتىڭ خادىملىرىنىڭ شىركەتنىڭ كەسپىي پىلانى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ توغراچۈشەندۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. شىركەت ھەر خىل كۇرۇس، مۇھاكىمە يىغىنى، مەھسۇلات ماركىسىنى تۇنۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى باشقا پائالىيەتلەرنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇپ، ماركىتىڭ خادىملىرىنى توغرا يولغا يىتەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بارىدۇ، مەھسۇلات توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ئەمۋاي شىركىتى50 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئەمۋاي شىركىتى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان دۇنياغا داڭلىق كارخانىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئەمۋاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىلار، گىرىم بويۇملىرى، ئائىلە تازلىق بويۇملىرى، شەخسىي تازلىق بويۇملىرى، ۋە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان چىداملىق بويۇملار قاتارلىق بەش چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتقا كېڭىيىپ مەھسۇلات تۈرى 450 خىلدىن ئاشقان. تىجارىتى 110 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارغا كېڭەيگەن. يىللىق تىجارەت سوممىسى 11 مىلىيارد 800 مىلىيوندىن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. 2004–يىلى فوربىس ژورنىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ 500 كۈچلۈك خۇسۇسىي كارخانلارنى رەتكە تۇرغۇزغاندا ئەمۋاي شىركىتى 19–ئورۇنغا تىزىلغان.

ئەمۋاي شىركىتىئەمۋاي شىركىتى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت پاراۋانلىقى ۋە خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق جەمىيەتكە جاۋاپ قايتۇرغان. جامائەت پاراۋانلىقى جەھەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بالىلار، مۇھىت ئاسراش، ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ياردەم قىلىپ، ئىنتايىن كەڭ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغان. پارلاق كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىسا ئەمۋاي شىركىتى جەمىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشتەك قىزغىن ھەم خالىس روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرماقتا. بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، مۇھىتنى ئاسراش، سالامەتلىككە ئىتىبار بېرىش مەزمۇن قىلىنغان جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا يىڭى مەنىلەرنى ئاتا قىلماقتا. 2011-يىلى ئەمۋاي جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق فوندى قۇرلۇپ ھازىرغىچە ئەمۋاي شىركىتى 22 شەھەردىكى 301 ناھىيەدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەن بولغان مەكتەپلەرگە 3835 يۈرۈش «ئوزۇقلۇق ئاشخانىسى» سېلىپ بەرگەن. ئىككى مىلىيون 100 نەپەردىن ئارتۇق نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (8 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#