شىرىنزا يېزىسى

شىرىنزا يېزىسى

شىرىنزا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى باركۆل ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 12.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شىرىنزا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 276.37 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石人子乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل ۋىلايىتى باركۆل ناھىيە بازىرى
نوپۇسى 8817 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى shí rén zǐ xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىرىنزا يېزىسىشىرىنزا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى باركۆل ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 12.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

شىرىنزا يېزىسى 1985-يىلى، باركۆل ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەۋەلىكىدىكى بىر تاش ئادەم سەۋەبىدىن شۇنداق ئاتالغان. يېزا مەمۇرىي رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 276.37 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2100 ~ 1580 مېتىر، ئاساسلىق رايون، شەرقىي مېرىدىئان′92°15 ~ ′92°30، شىمالىي كەڭلىك ′20°42 ~ ′42°37 جايلاشقان.

شىرىنزا يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن يېزا ئىگىلىك يېزىسى. ئومۇمىي كۆلىمى 276.37 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2100~1580 مېتىر.

شىرىنزا يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرپۈتۈن يېزىدا 2944 ئائىلىلىك، 8817 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 7483 ئادەم، قازاق 682 ئادەم، خۇيزۇ 10 ئادەم، موڭغۇل 638 ئادەم، رۇس 1 ئادەم، تۇجيا 3 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2607 ئائىلىلىك، 8206 ئادەمگە يەتكەن.

2008-يىلى، شىرىنزا يېزىسى پارتكوم قارىمىقىدا 10 پارتىيە ياچېيكىسى، 345 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 243 نەپەر، 35 ياشتىن تۆۋەن لەر 47 نەپەر، 60 ياشتىن ئاشقانلار 104 نەپەر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىن يۇقىرىلار 140 نەپەر، ئاياللار 84 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت 35 نەپەر، نامرات پارتىيە ئەزالىرى 19 نەپەر، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى 28 نەپەر، «ئۈچ پېشقەدەم» لەر 62 نەپەرگە يەتكەن. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش نۇقتىسى بەشكە يەتكەن.

2008-يىلى، شىرىنزا يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 9607 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.87 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك كىرىمى 3049.78 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 1865.55 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپنىڭ كىرىمى 4092.10 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ كىرىمى 599.57 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1146 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4140 يۇەنگە يېتىپ، % 15.83 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىچە ئەمگەك مۇلازىمىتى كىرىمى پۈتۈن يېزىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ %60.07 نى ئىگەللىگەن.

2008-يىلى، شىرىنزا يېزىسى ئامان-ئېسەن ئائىلە بەرپا قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تىنچ كەنت، تىنچ-ئامان ئورۇن ئاساسىي مەزمۇن قىلغان تىنچ-ئامان يېزا بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#