لىۋونىيە ئۇرۇشى

لىۋونىيە ئۇرۇشى

لىۋونىيە ئۇرۇشى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى دېڭىز پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن لىۋونىيە رىتسارلار پولكى ۋە شىۋىتسىيە، پولشا، لېتۋا، دانىيەلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش.

نامى لىۋونىيە ئۇرۇشى
باش قوماندان 伊凡四世(雷帝)
ئورنى بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېـغىزى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 立窝尼亚战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار رۇسىيە لىۋونىيە رىتسارلار پولكى، بولان
ۋاقتى 1558-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىۋونىيە ئۇرۇشى1547-يىلى ئىۋان Ⅳ «چار پادىشاھ» تاجىنى كىيگەندىن كېيىن كېڭەيمىچىلىك تىغ ئۇچىنى غەربكە قارىتىپ، دېڭىز پورتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش غەرىزىدە بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىكى رايۇنلارنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان. ھالبۇكى، بالتىق دېڭىزىنى كونترول قىلماقچى بولىدىكەن، ئاۋۋال ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان لىۋونىيەنى ئىشغال قىلىشنى شەرت قىلغان. 13-ئەسىردىن بۇيان بۇ رايۇننى گېرمانىيە تېۋتون رىتسارلار پولكىنىڭ تارمىقى بولغان لىۋونىيە رىتسارلار (شەمشەرلىك رىتسارلار پولكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۆلىۋالغانىغان. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىنى ئىسلاھات ھەركىتى قوزغالغانىدىن كېيىن رىتسارلار پولكى كۈنسايىن ئاجىزلاشقان.

بىرىنچى باسقۇچى

لىۋونىيە ئۇرۇشى1558-يىلى 1-ئايدا ئىۋانⅣ لىۋونىيە رىتسارلار پولكى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ روسىيىگە قارشى تۇردى دېگەن باھانىدە لىۋونىيەگە قوشۇنلىرىنى كىرگۈزگەن، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلانغان. رۇسىيە قوشۇنى ئىستونىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئېپىسكوپقا بېرىلگەن رىگا رايۇنىنى قورشاۋغا ئالغان. ئىككىنچى يىلى رۇسىيە بىلەن لىۋونىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكەن. بىراق، لىۋونىيە يەنە دەرھاللا پولشا پادىشاھى، قوشۇنچە لىتۋا، كېنەزى سىگىسمان 2-بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇنىڭ قوغدىشىنى قوبۇل قىلغان.

ئىككىنچى باسقۇچى

لىۋونىيە ئۇرۇشى1560-يىلى ئۇرۇش يېڭىۋاشتىن قوزغىلىپ، ئىككىنچى باسقۇچقا كىرگەن. روسىيە قوشۇنى شۇ يىلى 1-ئايدا مالىنبورگ قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى، 8-ئايدا مۇھىم بازار ۋىليانكىنى ئىشغال قىلىپ، رىتسارلار پولكىنىڭ كوماندىرى ۋولستېنبېرگنى ئەسىر ئالدى. بۇنىڭ بىلەن لىۋوپنىيە رىتسارلار پولكى چىمرىپ تاشلانغان. رۇسىيەنىڭ غەلىبىسى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئەللەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت سالغان.

ئۈچىنچى باسقۇچى

لىۋونىيە ئۇرۇشىشىۋىتسىيە، پولشا، لىتۋا، ۋە دانىيەلەر بىرلىشىپ ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللانغان. بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە ياۋرۇپادىكى بىر قانچە كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇرۇش ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم قويغان. 1562-يىلى رۇسىيە قوشۇنى لىتۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، كېيىنكى يىلى پولوتسكى شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە پايتەختى ۋىلنىيۇسقا تەھدىت سالغان. ۋەھالەنكى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگرىش يۈز بېرىپ، رۇسىيە قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇدا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان. 1579-يىلى پولشا قوشۇنى پولوتىسكىنى تارتىۋالغان. كېيىنكى يىلى يەنە پىسكوۋنى قورشىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىۋىتسىيە يەنە شىمالدا ھۇجۇم قوزغىغان. پايدىسىز ۋەزىيەتتە قالغان رۇسىيە 1582-يىلى پولشا بىلەن 10 يىل ئۇرۇش توختىتش كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، بېسىۋالغان زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. لىۋونىيە ئۇرۇشى شۇنداق قىلىپ رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان.

لىۋونىيە ئۇرۇشدا رۇسىيە «قارنى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەندەك لىۋونىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋالالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بىر قىسىم زېمىنىنى پولشا، لىتۋا ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لىۋونىيەنى پولشا بىلەن شىۋىتسىيە بۆلۈشۈۋالغان. رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى دېڭىز پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى 18-ئەسىردىكى شىمال ئۇرۇشى جەريانىدىلا ئەمەلگە ئاشقان.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان تورى قامۇسى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-4804

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/150250.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#