دىلخۇمار ئەركىن

دىلخۇمار ئەركىن

دىلخۇمار ئەركىن 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرى پوسكام ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دىلخۇمار ئەركىن
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 53 كىلوگىرام
كەسپى دىكتور، رىياسەتچى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قەشقەر شەھىرى پوسكام ناھىيەسى
بوي ئېگىزلىكى 1.68 سانتىمىتىر
قان تىپى B تىپ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىلخۇمار ئەركىندىلخۇمار ئەركىن 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرى پوسكام ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى.

2014-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن «ئوكيان» ئېلان چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «گۈزەللىك سىزدە» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئالىي مەكتەپ ئېنگلىزتىلى 4-، 6-دەرىجە ۋە خەلقئارالىق ئېنگلىزتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئايلتىس ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

2006- يىلى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رادىيو ئۇزىلىدا خىزمەت قىلىپ، 2008-يىلىدىن 2011-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگىچە ئۇنىۋېرسىتېت رادىيو ئۇزىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۇدا ئۈچ يىل «ئىلغار دىكتور-رىياسەتچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

 2009-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا، بېيجىڭ دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ كۆرگەزمە زالىدا خەنزۇتىلى ۋە ئىنگلىزتىلىدا چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە «مۇنەۋۋەر چۈشەندۈرگۈچى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.

2008-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە بالىلار ئىنگلىزتىلى دەرسى ئۆتۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپېراتىپلىرىدا ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#