كېپەكيۈزى يېزىسى

كېپەكيۈزى يېزىسى

كېپەكيۈزى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى كېپەكيۈزى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 24000 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克伯克于孜乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
نوپۇسى 8699 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى kè bó kè yú zī xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېپەكيۈزى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 كىلومېتىر.

كېپەكيۈزى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرشەرقىي غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيەر يۈزى يېزىسى بىلەن، تۇرپان يۈزى يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، شىمالىي بىلەن غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى، پەنجىم يېزىسى، غۇلجا ناھىيەسى جېلىليۈزى بازىرى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى ئىلى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن تۇتاشقان.

يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 24000 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۈيزۇ، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، سىببې، قىرغىز قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

كېپەكيۈزى يېزىسى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، كىلماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلماتقا تەۋە، بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 262 مىللىمېتىر.

كېپەكيۈزى يېزىسى تەۋەلىكىدە ئۈچ مەمۇرىي كەنت، 18 كەنت گۇرۇپپىسى، ئۈچ مەكتەپ (بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 باشلانغۇچ مەكتەپ)، بىر شىپاخانا بار. يېزا قاتناش يوللىرى راۋان، سۇ ئېلېكتىرى يېتەرلىك، يۇقىرى پەن-تېخنىكا باغۋەنچىلىكتىكى كارخانا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى غايىۋى ئورۇن.

يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى24000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16976 مو، يەنە 9000 مو ئوتلاق بار. كېپەكيۈزى يېزىسى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىيگە جايلاشقان، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئاز، تۇپرىقى كۈلرەڭ كالتسيلىق تۇپراق ئاساس قىلىنغان، ئورگانىك ماددا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، يېرى تەكشى، چېگرا ئىچىدىكى خەلق ئۆستىڭى ( يەرلىكلەر ئۇنى «ئاق ئۆستەڭ» دەپ ئاتىغان) شەرق، شىمالىنى كېسىپ ئۆتكەن، شىمالىدا، شىمالىي تارماق ئۆستىڭى بار، سۇ بايلىقى مول، ھەرخىل زىرائەتلەر ھوسۇل ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇپرىقى مۇنبەت، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، شۇڭا ئۇ ھەر خىل يېشىل مىۋە-چىۋە، بولۇپمۇ قىزىل يەر شارى ئۈزۈمىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تېرىش رايونى. يېزا بويىچە ئاشلىق، كۆكتات، خاسىڭ، قىزىلچا، مېۋە-چېۋە تېرىش ئاساس قىلىنغان.

كېپەكيۈزى يېزىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە زورايتقان، 2003-يىلنىڭ ئاخىرىدا قوتاندىكى چارۋا-مال  سانى 12300 تۇياققا يەتكەن، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. 

كېپەكيۈزى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرئىككى يىلدىن بۇيان، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمى بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان، خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، كۆمۈر كانى، ئۇن زاۋۇتى، شەكسىز چوكا زاۋۇتى، قۇيمىچىلىق زاۋۇتى، ياغاچ ماتېرىيال، ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، پىلاستىك بۇيۇملار زاۋۇتى، ئاتسېتىلېن گازى زاۋۇتى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كارخانا بار، كەسىپكارلارنىڭ سانى 600 گە يەتكەن.

2003-يىلى يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1837.02 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 11312 مىڭ يۈەن، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3989 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2798 يۈەنگە يەتكەن.

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان، يېزىلىق پارتكوم «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. يېزا بويىچە سىياسىي ۋەزىيەت تېنىچ، ئىتتىپاق، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتقا ۋە ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن،  كېپەكيۈزى يېزىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەرەققىي قىلىپ 8 گە، پارتىيە ئەزالىرى 231 نەپەرگە يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#