تارىم دەرياسى

تارىم دەرياسى

تارىم دەرياسى ھەۋزىسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى سۇ سىستېمىسىدۇر. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ ئاقىدىغان قارا شەھەر دەرياسى–كۆنچى دەرياسى، دىنار دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى كېرىيە دەرياسى،چەرچەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز سۇ سىستېمىسىدىكى جەمئىي 144 دەريانى ھەمدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تارىم دەرياسى
ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى Tarim river
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر
دەريا تۈرى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى
خەنزۇچە ئىسمى 塔里木河
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى
قاراشلىق شەھەر ئاقسۇ ۋىلايىتى
مەزىرلىك جايلىرى توغراقلىق، قۇملۇق تاشيولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىم دەرياسى

تارىم دەرياسى ھەۋزىسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى سۇ سىستېمىسىدۇر. ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ ئاقىدىغان قارا شەھەر دەرياسى – كۆنچى دەرياسى، دىنار دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى كېرىيە دەرياسى،چەرچەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز سۇ سىستېمىسىدىكى جەمئىي 144 دەريانى ھەمدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئومومىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى ھەۋزىسىنڭ كۆلىمى 23 مىڭ 600 كۋدرات كىلومېتىر) يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى (يەنى تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى) بولغان لاسكۇي دەرياسىدىن تېتما كۆلىگىچە تارىم دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 2437 كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە غول ئېقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر) كېلىدۇ.

ئورنى

تارىم دەرياسىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئەھۋالى

تارىم دەرياسى تەكلىماكان ئويمانلىقىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ ۋە كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.

تارىم دەرياسى ۋادىسى جۇغراپىيەلىك جايلىشىش كوئوردېناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 71°39-93°45 شىمالىي كەڭلىك 34°20-43°39 كە جايلاشقان.

ئەتراپىدىكى تاغ رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئومۇمىي كۆلىمى 105 تۈمەن كىۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %63 نى ئويمانلىق كۆلىمىنىڭ 53 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر ئىگەللەيدۇ.

كىلىماتى

تارىم دەرياسى

تارىم دەرياسى ياۋرو-ئاسىيانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوكيانلاردىن يىراق، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغ بىلەن ئورالغان، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ، ئىنتايىن قۇرغاق قۇملۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ.

ئالاھىدىلىكى : ھۆل-يېغىن ئاز، پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قۇم-بوران كۆپ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق بايلىقى مول. 

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كۈنلۈك پەرقى ℃14 دىن ℃16 غىچە يىللىق ئەڭ چوڭ كۈنلۈك پەرقى ئادەتتە ℃30 تىن يۇقىرى.

يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10.6-℃11.5 غىچە بولىدۇ. ياز پەسلى 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃20-دىن ℃30 غىچە بولىدۇ، ئەڭ يۇقۇرى تېمپېراتۇرىسى ℃43.6 بولىدۇ. قىش پەسلى 1-ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۈۋەن ℃10 دىن ℃20 غىچە ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆل تۈۋەن ℃30.9 بولىدۇ.

ھۆل-يېغىن ئەھۋالى

تارىم دەريا ۋادىسى

دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسى رايونىدا ھۆل–يېغىن بىر قەدەر مول بولۇپ، ئادەتتىكى يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 300 ~ 900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھەۋز ئىچىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 117 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر (ھەۋزىسىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 115 مىللىمېتىر، لېكىن قۇملۇق رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى ئاران 25 ~ 50 مىللىمېتىر).

 ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ 320 كۋادرات كىلومېتىر (چەت ئەلدىكى قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مۇزلۇق زاپىسى 2 تىرلىيون 404 مىليارد كۇپ مېتىر مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىگەن سۇ مىقدارى 17 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسى يەر ئۈستى سۈيى ئومومىي مىقدارى 39 مىليون كۇپ مېتىر (چەت ئەلدىن ئېقىپ كىرگەن سۇ مىقدارى 6 مىليارد 70 مىليون كۇپ مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ %44 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ھەۋزىسىنىڭ ھەر قايسى دەريالاردىكى لەيلىمە ماددىلار ئېتتىرىلىپ يۆتكىلىدىغان ماددىلار، ئېرىگەن ماددىلار ھەمدە بۇ ئۈچۈنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن قاتتىق جىسىملارنىڭ ئومومىي ئېقىن مىقدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 156 مىليون 600 مىڭ توننا/ يىل، 31 مىليون 320 مىڭ توننا/ يىل، 16 مىليون 570 مىڭ توننا/ يىل، 204 مىليون 500 مىڭ توننا/ يىلغا يېتىدۇ.

تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تەبئىي تۇلۇقلاش مىقدارى 4 مىليارد 455 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ، ئېقىننىڭ يىللىق ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم, لېكىن يىل ئىچىدىكى كەلكۈن كېلىش بىلەن سۇ تارتىلىشنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ.

ھەۋز ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا يەر ئۈستى سۈيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇ سستېمىلىرى ئازىيىپ تۆتكە چۈشۈپ قالدى، يەنە ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، يەكەن دەرياسىلا قالغان.

تارىم دەرياسىنىڭ 1978-يىلدىن 1987-يىلغىچە بولغان ئون يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى جەمئىي 4 مىليارد 956 مىليون كۇپ مېتىر بولغان.

تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىكى ئالار گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئۆلچەپ چىقىشىچە، 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدىن 80–يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارى 6 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئازىيىپ 4 مىليارد 480 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە تۆۋەنكى ئېقىندىكى قارا گىدرولوگىيە پونكىتىدا يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليوندىن ئازىيپ 392 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان، نەتىجىدە تۆۋەنكى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيىسى ناچارلىشىپ، دەريا ئېقىنى 280 كىلومېتىر قىسقىرىپ كەتكەن. لوپنۇر كۆلى 1972–يىلى، تېتما كۆلى 1980–يىلى قۇرۇپ كەتكەن.

70–يىللارنىڭ ئاخىرى ھەۋزىسىدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 2957 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالدى. چوڭ–كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 28ى بولۇپ، سۇ سىغىمچانلىقى 4 مىليارد 660 مىليون كۇپ مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن بوستانلىقلاردا سۇغۇرۇش كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ.

تارىم دەريا ۋادىسى

تارىم ۋادىسىنىڭ يەر بايلىقى مول، ۋادىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

سۇغىرىش كۆلىمى 1883.1 تۈمەن مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىز-ئېرىق سۇغىرىش كۆلىمى، 1427.2 تۈمەن مو، سۈنئىي ئوت-چۆپ سۇغىرىش كۆلىمى 455.9 تۈمەن مو.

تارىم دەريا ۋادىسى ئورمان بايلىقى مەنبەسى بۇيىچە تەبئىي ئورمان ۋە سۈنئىي ئورمان دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئوتلاق بايلىقى ناھايىتى مول، تۈرى كۆپ، كۆلىمى كەڭ. ۋادىنىڭ ئومۇمىي ئوتلاق كۆلىمىنىڭ 2389.84 تۈمەن گېكتار، پۈتۈن شىنجاڭ ئوتلاق كۆلىمىنىڭ %41.7 ئىگەللەيدۇ.  بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 1995.14 تۈمەن گېكتار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمىنىڭ %41.56 ئىگەللەيدۇ.

قىزىلما بايلىقلىرى

تارىم دەريا ۋادىسى قىزىلما بايلىقلار ئەڭ كۆپ بولغان رايونلارنىڭ بىرى، يېزا تەۋەسىدە قېزىلما بايلىق تۈرى تولۇق، مىقدارى مول. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مانگان، تۈمۈر، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش، نەشتەر (جۇڭگو تېبابىتىدە قان ئېلىش يىڭنىسى)، سىنىك، تىتان، مىش، قوغۇشۇن، لىتىي، تانتال، سېزىي، نىئوبىي، خروملۇق پولات، قەلەي، نىكېل، كوبالت، ۋولفروم، سترونتىسىي، زۈلۈك تاش، كالىي تۇزى، كۆپمە توپا، ئۇششاق تاش، مەرمەر تېشى، يۇنمۇ، ئالماس، تاشپاختا، ھاك تاش، تاش مۇم، ئاق مەرمەر، تەبىئىي گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى كۆپ بولغان قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تاشپاختا، ھاك تاش، قاتارلىقلار بار. 

ھايۋانات بايلىقى

تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلارغا نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار تارقالغان بولۇپ ئاساسلىقى : ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، كۆكمەت، بۇغا-مارال، يىلپىز، سۈلەيسۈن، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار.

تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈكلەردە تارقالغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى ياۋا تۆگە، پوقاق بۆكەن، تارىم بۇغىسى، ياۋا توڭگۇز، بوز تۈلكە، ئوتلاق ياۋا مۈشۈكى، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە تارىم قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئالاھىدە جانلىقلار. تاغ چوققىسىدا غېجىر سالۋا بار، ساقاللىق بۈركۈت، تازقارا، ئۇلار، سېرىق تۇمشۇق تاغ قاغىسى، قۇشقاچ، ھىمالايا ئاق ياۋا كەپتىرى، ئېگىز تاغ ئاق قۇشقىچى قاتارلىقلار كۆپرەك،  ئورمانلىقتا قارىغۇجا، چىل، تۆمۈرتۇمشۇق قاتارلىقلار بار.

ئوتلاقتا  ئوتلاق بۈركۈتى، قىزىل لاچىن، قىزىل تۇمشۇق قاغا، قارىغۇجا، تورغاي قاتارلىقلار بار.

بايىنبۇلاق ئاق قۇ مۇھاپىزەت رايونى ئېلىمىزدىكى ئاققۇلار مەركەزلىك كۆپىيىدىغان رايون.

سۇ جانلىقلىرى بايلىقى

تارىم دەرياسىنىڭ ھەرقايسى سۇ سېستىمىلىرىدا ئىچىدە، تارقىلىشى كۆپ خىل يەرلىك بېلىق توپى بار بولۇپ، شىنجاڭ خاپانباش بېلىقى ۋە تارىم يېرىق قورساق بېلىق تىپىك مىسالدۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىرگۈزۈش ئارقىلىق كارپ بېلىقى، تاپان بىلىق، لاققا بېلىق، خاپان باش بىلىق قاتارلىق ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىمنى يۇقۇرى كۈتۈرگەن.

تۈزلەڭلىك بوستانلىق رايونىدا، كۆپ خىل ئۆي قۇشلىرىنى كۆپەيتىش ۋە بېقىش، چارۋا مال، توخۇ، ئۆردەك، غاز، قوي، چوشقا، تەرپە، ئات، ئېشەك قاتارلىقلارنى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.[2]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556571.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#