كەيگەنچى يېزىسى

كەيگەنچى يېزىسى

كەيگەنچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي چېتىگە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كەيگەنچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك يېزا
نوپۇسى 5000 ئادەم
پوچتا رايون نومورى 833200
خەنزۇچە ئاتىلىشى 开干齐乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۇيتۈن شەھىرى
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتى
تېلېفون رايون نومورى 0992

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەيگەنچى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەركەيگەنچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي چېتىگە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

كۈيتۈن شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 20 كىلومېتىر، ساۋەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا.

كەيگەنچى يېزىسى 1999-يىلى قۇرۇلغان، كەيگەنچى يېزىسى كۈيتۈن شەھىرىدىكى بىردىن بىر يېزا، كۈيتۈن شەھىرىدىكى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ بارلىق 1-كەسىپىگە تۆھپە قوشقان جاي.

1950-يىلى 8-ئايدا، شىخو ناھىيەسى يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، مىڭبېشى، يۈزبېشى تۈزۈمىنى، رايون، يېزا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەن. كەيگەنچى قاتارلىق بەش تەبئىي كەنت شىخو ناھىيىلىك 2-رايونى 1-يېزىسى كۈيتۈن بولغان، 1981-يىلى 12-ئايدا، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، گوۋۇيۈەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. كەيگەنچى يېزىسى ئەسلىدە شىخۇ شەھىرى بايىنگۇدىكى بىر چارۋىچىلىق چوڭ ئەترىتى بولغان.

1998-يىلى 12-ئايدا تەخمىنەن تەشكىل بويىچە كۈيتۈن شەھىرى قارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن.

1999-يىلى 11-ئايدا ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق كەيگەنچى يېزىسى تەسىس قىلىنغان.

كەيگەنچى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر2000-يىلى 2-ئايدا كۈيتۈن شەھەرلىك كەيگەنچى يېزىسى كومىتېتى قۇرۇلغان، شۇ يىلى 11-ئايدا يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى سايلاپ چىقىلغان، تۇنجى نۆۋەتلىك يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

يېزا بويىچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 760 مىڭ مو، ھازىر ئېچىلغان يەر كۆلىمى 30 مىڭ موغا يەتكەن. ھازىر يېزا بويىچە جەمئىي نوپۇس 5000 دىن ئارتۇق ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان، چارۋىچىلار 1234 ئادەم، يېزا تەۋەسىدە، 4 مەمۇرىي كەنت، بىر تۈر شىركىتى بىلەن بىر مۇھاجىرلار قەلبى باشلانغۇچ مەكتىپى، يېزا ئورگىنى تۆت ئىشخانىسى قاراشلىقدا ئالتە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى بار.

كەيگەنچى يېزىسى قارىمىقىدىكى كەنتتىكىلەر : چىنار كەنتى، كەيگەنچى كەنتى، گاۋگېدا كەنتى، بېلىقچى كەنتى قاتارلىقلار بار.

يەر شەكلى

كەيگەنچى يېزىسى كۈيتۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان، كۈيتۈن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغ ئالدى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىنىڭ گىرۋەك بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 450 ~ 300 مېتىر.

تەۋەسىدە تاغ تىزمىلىرى ۋە يۇقىرى پەللە يوق. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش ھالەتتە. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر، غەربىي بىلەن كۈيتۈن دەرياسىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 8 كىلومېتىر. جەنۇب-شىمال تەرىپى دېڭىز يۈزىدىن 610 مېتىر تۆۋەنلەپ، 320 مېترغا يەتكەن، غەرىپ-شەرىق تەرىپى دېڭىز يۈزىدىن 610 مېتىر تۆۋەنلەپ، 460 مېتىرغا يەتكەن، يەر يۈزى جەنۇب-شىمالى يانتۇلۇقى ‰ 30-10، غەربىي ۋە شەرقىي يانتۇلۇقى ‰ 5-3.

كىلىماتى

كەيگەنچى يېزىسىنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃7.1، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 18، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25.7. بۇنىڭ ئىچىدە 10 گىرادۇسلۇق يىغىندا تېمپېراتۇراسى ئوتتۇرىچە 3599 گىرادۇس. كەيگەنچى يېزىسىنىڭ قۇياش نۇرى چۈشۈشى ئىنتايىن مول بولۇپ، پۈتۈن يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2697.6 سائەت.

قىروسىز مەزگىلى تەخمىنەن 160 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 182 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1710 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى تەخمىنەن ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ 10 ھەسسىدىن يۇقىرى.

كەيگەنچى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەركەيگەنچى يېزىسىدىكى ئومومىي ئېچىشقا بولىدىغان بوز يەر 760 مىڭ مو، 2005-يىلى ئېچىلغان يەر كۆلىمى 30 مىڭ مو، بارلىق يەرلەرنى پىلان بويىنچە قۇدۇق سۈيىدە سۇغىرىش رايونى قىلغان. كەيگەنچى يېزىسىنىڭ تۇپرىقى، كۈلرەڭ چۆل تۇپراق ئاساس قىلىنغان، كۆلىمى 27 مىڭ 100 مو، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ % 93.4 ىنى ئىگەللىگەن، يەنە بىر خىل تۇپراق چىملىق تۇپراق، كۆلىمى % 6.6 نى ئىگەللىگەن، كۆلىمى 60 مىڭ مو.

كۈل رەڭ چۆل تۇپراق، كەيگەنچى يېزىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تۇپراق، ئۈچ كەنجى تۈرگە ئايرىلغان : ئادەتتىكى چۆللۈك بوز تۇپراق، شورلاشقان كۈلرەڭ چۆل تۇپراق ۋە  ئىشقارلىق كۈلرەڭ چۆل تۇپراق. بۇ تۇپراقنىڭ ئادەتتە ئورگانىك ماددا تەركىبى تۆۋەن، لېكىن ياخشىلاش ئاسان. بۇ تۇپراق كەيگەنچى يېزىسىدىكى بىر تۈرلۈك تېرىقچىلىق تۇپراق.

تېرىقچىلىق

2005-يىلى، كەيگەنچى يېزىسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28007 مو، بۇنىڭ ئىچىدە، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 16077 مو، بۇلتۇرقىدىن % 16.6 ئاشقان.

ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 1000 مو، ياغلىق دان زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 3660 مو، سانائەت شوخلىسى تېرىلغۇ كۆلىمى 4500 مو، بېدە تېرىلغۇ كۆلىمى 2500 موغا يەتكەن. يېزا بويىچە تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى  1946.5 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

ئورمانچىلىق

كەيگەنچى يېزىسى2005-يىلى، كەيگەنچى يېزىسىدىكى ئورمانچىلىقنىڭ ھەممىسى سۇغىرىش ئورمانچىلىقىنى ئاساس قىلغان. كۈيتۈن شەھىرى ئورمان بىنا قىلىش تارماق شەھىرى بولۇپ، قۇرۇلغان رايون ۋە كەيگەنچى يېزىسى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 1788.56 مو ئورمان بىنا قىلىنغان، كەيگەنچى يېزىسىدا جەمئىي 6448 مو ئورمان بىنا قىلىنغان، جەمئىي 8236.56 مو يەردە ئورمان بەرپا قىلىنغان.

ئورمانچىلىق چاتقال بىرلەشتۈرۈپ تېرىشنى ئاساس قىلغان، ياغاچ غوللۇقلار ئاساسلىقى رۇسىيە تېرىكى جۇڭلىن 46، جۇڭلىن 47، توغراق قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان، چاتقال تۈرىدىكىلەردىن ئالىقات، قىزىل سۆگەت، ئېفېدرا قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان.

چارۋىچىلىق

كەيگەنچى يېزىسىدىكى مالچارۋا2005-يىلى، كەيگەنچى يېزىسىدىكى مال-چارۋا 10316 تۇياققا يەتكەن، قوي بېقىلىش مىقدارى خېلى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. ھېسابلاش نەتىجىسىدە، شەھەر بويىچە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 384 مىڭ يۈەن بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#