ئابدۇقادىر يارئېلى

ئابدۇقادىر يارئېلى

ئابدۇقادىر يارئېلى 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە تۆھپىكار سەنئەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تالانتلىق ياش ناخشىچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابدۇقادىر يارئېلى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى
كەسپى ناخشىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابدۇقادىر يارئېلىشىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تالانتلىق ياش ناخشىچىسى، مۇقام ۋارىسى، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇقادىر يارئېلى 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە تۆھپىكار سەنئەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىنلا قويۇق سەنئەت مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئابدۇقادىر تېخى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا-ئۇسسۇل دراما ئۆمىكى ئوينىغان «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» ناملىق تىراگېدىيەدە بىر كىچىك بالىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ «كىچىك چولپان» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ سەھنە ھاياتى باشلانغان. 

ئابدۇقادىر يارئېلىناخشا-ئۇسۇلغا ھېرىسمەن بۇ شاكىچىك 1993-يىلى ئۆزىنىڭ تەبىئىي تالانتى بىلەن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. لېكىن گۆدەك ئابدۇقادىرنىڭ يۈرىكىدە خەلق ناخشىلىرىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بولغاچقا، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇقام ئورۇنلاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2000-يىلى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا تاللىۋېلىنغان. خىزمەتكە چۈشۈپلا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ CD، VCD، DVD نۇسقىسى ۋە ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ بۇ خىزمەتنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. 2007-يىلى 6-ئايدىن 2013-يىل 2-ئايغىچە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەدەنىيەت نازارىتى ۋە مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش يۈزىسىدىن فرانسىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، ھىندىستان، بېرۇنىي، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا چىقىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلاپ شۇ ئەل تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ھەر يىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇربان ھېيت، روزى ھېيت، مەشرەپ، نورۇز قاتارلىق ھەر خىل چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى، مۇقامدىن ئارىيەلەرنى ئورۇنلاپ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پەخىرلىك ناخشىچىغا ئايلانغان.         

ئابدۇقادىر يارئېلى ئابدۇقادىر يارئېلى 2007-يىلدىن ھازىرغىچە «جان بالىخان»، «ئويناڭ دەردى بار بالىلار»، «غېرىپ ناخشىسى» قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ۋە كوللىكتىپ ئورۇنلىغان ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «مىراجىخان»، «ئالتۇن پاشاخان»، «قەمبەرخان»، «ئايشەمگۈل»، «ئادارگۈل»، قاتارلىق ئۆلمەس خەلق ناخشىلىرىنى، «ئىنتىزار»، «ئالتۇن توي»، «قەشقەر قىزى»، «سەھرا گۈزىلى»، «تەشنا ساڭا»، «شاھىن شاھ»، «دېھقان ئۇلۇغ» قاتارلىق نادىر ئىجادىي كۈيلەرنى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىنى رايونىمىز ئىچى سىرتى، ھەتتا دۇنيا سەھنىلىرىدە جاراڭلىتىپ مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

ئابدۇقادىر يارئېلى 1987-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر سەنئەت مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەر بالا ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1989-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر سەنئەت مۇسابىقىسىدە«مۇنەۋۋەر بالا ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان.2005-يىلى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق ناخشا مۇسابىقىسىدە «ۋەتەن ئىشقى»، «ئوينايلى ساما»، «گۈزەل نورۇز» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ 2-دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    50%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#