ئۇيغۇرچە نامى سامىيۈزى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 126.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨木于孜乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 15745 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى sà mù yú zī xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامىيۈزى يېزىسىسامىيۈزى يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 54 كىلومېتىر، شەرقتە قاش يېزىسى، جەنۇپتا ئىلى دەريا ساھىلى، غەربتە قاش دەرياسى، بايتوقاي يېزىسى، ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى، شىمالىي تەرىپى ئابرال تېغى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 126.5 كۋادرات كىلومېتىر.

سامىيۈزى يېزىسى ئەسلىي توققۇز تارا ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولغان، 1946-يىلى،  غۇلجا ناھىيەسىگە ئايرىپ بېرىلگەن.

1950-يىلى، خەلق ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەندە، 4 -رايون دەپ نام بېرىلگەن.

1952-يىلى، 5-رايون دەپ ئاتالغان.

1954-يىلى، 6-رايون دەپ ئاتالغان.

1966-يىلى 10-ئايدا گۇڭشې قۇرۇلغان.

1968-يىلى، گۇڭشې ئورگىنى سامىيۈزىدىن تۇردىيۈزىگە كۆچۈرۈلگەن.

1978-يىلى، گۇڭشې نامى «قاش» دەپ ئاتالغان.

1980-يىلى، بىرنى ئىككىگە بۆلۈش بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان سامىيۈزى گۇڭشېسى، ئۈستۈنكى، تۆۋەنكى سامىيۈزى قاتارلىق سەككىز چوڭ ئەترەتتىن تەشكىل قىلىنغان. (سامىيۈزى ئۇيغۇر تىلىدا «ساما كەلكۈن يۈز» دېگەن مەنىدە، تۇنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يۈز بېشى ساما خۇن نامى بىلەن ئاتالغان، تا ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىپ كەلگەن). 1984-يىلى، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا بولغان.

سامىيۈزى يېزىسىقارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، يەتتە تەبىئىي كەنت، 42 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، 2872 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 15745 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 8200 ئادەم، ئاياللار 7545 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 8168 ئادەم، تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق نوپۇس 524 ئادەم. ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق 10 مىللەت تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار 5167 ئادەم، ئۇيغۇرلار 3520 ئادەم، خەنزۇلار 2361 ئادەم، دۇڭشياڭلار 2311 ئادەم، قازاقلار 1361 ئادەم، سالارلار 933 ئادەم، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %32.8، %22.3، %15، %8.6، %6 نى ئىگەللىگەن، قالغانلىرى مانجۇ، باۋئەن، ئۆزبېك، روس قاتارلىق مىللەتلەر بار.

سامىيۈزى يېزىسىسامىيۈزى يېزىسى تەۋەلىكىدىكى جايلار يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، يەر شەكلى شىمالدىن جەنۇبقا يانتۇ. شىمالىي قىسمى ئابرال تاغلىق رايونى، ياز، قىشلىق تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى، بوز ئۆستىڭى شىمالىدىكى تاغ ئالدى يانتۇ يانتۇ تۈزلەڭلىك ئۈچۈن كۈزلۈك يايلاقلار، بوز ئۆستىڭى جەنۇبىدىن ئىلى دەرياسى دېلتىسى يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، ئىلى دەرياسى ۋە قاش دەرياسى ساھىلىدىكى ئىككىلەمچى ئورمان بەلبېغىدا مال باققىلى بولىدۇ.

بۇ يېزىغا قاراشلىق ئىلى دەرياسى، قاش دەريا دېلتىسى بار، تەبىئىي شارائىتى ناھايىتى ياخشى. دېھقانچىلىقنى ئاساس، سانائەتنى قوشۇمچە كەسپ قىلىپ تەڭ تەرەققىي قىلغان. مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.

سامىيۈزى كەنتىدىكى ئاسفالىت يول بىلەن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسى بىلەن تۇتاشقان، قالغان كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە شېغىل ياتقۇزۇلغان يول بار، قاتنىشى قۇلايلىق، داڭلىق ئىلى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بۇ يېزىنىڭ شىمالىدىكى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى قاش دەريا ساھىلىغا جايلاشقان.

تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700مېتىردىن 1300 مېتىرغىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 164 كۈن، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#