سادىقيۈزى يېزىسى

سادىقيۈزى يېزىسى

سادىقيۈزى يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 5.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى سادىقيۈزى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 13.09 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨地克于孜乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 6214 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى sà dì kè yú zī xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سادىقيۈزى يېزىسىسادىقيۈزى يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 5.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىدا ئايرىم-ئايرىم ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىنىڭ توققۇزتارا كەنتى، مەميار كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە جىرغىلاڭ دەرياسى، شىمالدا خەلق ئۆستىڭى بىلەن يانداش. ئومۇمىي كۆلىمى 13.09 كۋادرات كىلومېتىر.

سادىقيۈزى يېزىسى قارمىقىدا ئىككى مەمۇرىي كەنت، بىر تەبىئىي كەنت، 17 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 1024 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 6214 ئادەم، خۇيزۇ، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق سەككىز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %90 تىن كۆپرەكنى ئىگەللىگەن.

سادىقيۈزى يېزىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە غۇلجا ناھىيەسىدىكى 7-رايوننىڭ 2-يېزىسى بولغان.

1952-يىلى، 2-رايوننىڭ 2-يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1954-يىلى 1-ئايدا، ئۈچئون خۇيزۇ ئاپتونوم يېزىسى تەۋەلىكىدە بولغان، نامى 4-يېزا دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

1958-يىلى 9-ئايدا، مەميايۈزى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، «1-ماي»  گۇڭشېسىنىڭ 4-چوڭ ئەترىتى بولغان، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە نامى قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.

سادىقيۈزى يېزىسى1971-يىلى، كۈرەشچى چوڭ ئەترىتى تەسىس قىلىنغان.

1978-يىلى، نامى غۇلجا ناھىيەسى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1984-يىلى، مەيدانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ يېزا تەسىس قىلىنغان. تۇرۇشلۇق جاي سادىقيۈزى كەنتىنىڭ نامى بويىچە سادىقيۈزى يېزىسى دەپ ئاتالغان. (سادىقيۈزى ئۇيغۇر تىلىدا «سادىق يۈز تۈتۈن» دېگەن مەنىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا بۇ يەرگە كېلىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سەۋەبىدىن ئولتۇراقلىشىپ قالغان سابىق يۈزبېشى بولغان كىشى«سادىق»نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان).

سادىقيۈزى يېزىسىسادىقيۈزى يېزىسى تاغ ئالدى چۆكۈندى تۈزلەڭلىكگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 720 مېتىر، ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃9.3، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃7.6-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراسى ℃22، قىروسىز مەزگىلى 164 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىگىرام، كىلىماتى نەم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#