ئۇيغۇرچە نامى پوسكام يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 49.06 كۋادرات كىلومېتىر
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 29500 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 波斯喀木乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى
نوپۇسى 15559 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوسكام يېزىسىپوسكام يېزىسى بەش مەمۇرىي كەنتى ۋە ناھىيە بازىرى گىرەلەشمە بىلەن تۇتىشىدۇ. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 15559 ئادەم، بۇلار ئىچىدە يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 10483 ئادەم. 2005-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 56 مىليون 384 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2699 يۈەن.

پوسكام يېزىسى قاتنىشى قۇلايلىق، 315-دۆلەت تاشيولى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان پۈتۈن يېزا-كەنت يولى كەڭ، راۋان. يېزىنىڭ ھاۋاسى ياخشى بۇلۇپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، تۆت پەسىل ئېنىق، بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى تەخمىنەن 2000 سائەت. تەبىئىي ئاپەتلەر ئاز، تۇپرىقى مۇنبەت، سۇ، توك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ۋە تولۇق.

پوسكام يېزىسىيېزىغا قاراشلىق قاراسار كەنتى، تۆۋەن قۇلغان كەنتى، قوشجىگدە كەنتى، قاراباغ كەنتى، ئۈجمەئېرىق كەنتى، يۇقىرى قالغېرىق كەنتى، ئاراچاقا كەنتى، تۆۋەن قالغېرىق كەنتى، پايناپ كەنتى، كوچا تېرەك كەنتى، سۆگەتئېرىق كەنتى، قۇچچى كەنتى، دارغىچى كەنتى ، باغۋەنچىلىك كەنتى قاتارلىق 14 مەمۇرىي كەنت، بىر خەنزۇ ئەترەت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 72 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

1-كەسىپ

پوسكام يېزىسىپوسكام يېزىسى ئىقتىسادىدا 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ، تېرىقچىلىق جەھەتتە ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەتلەر كېۋەز، بۇغداي، قوناق. باغۋەنچىلىكتە بولسا ياڭاق، ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئالمىنىڭ ئاساسلىق سورت بولۇپ، مېۋە مەھسۇلاتى يىلمۇ يىل ئاشقاچقا، بەلگىلىك تاۋار تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۈن نۇرى پارنىكىدىن 503 بار، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مو، ئاساسلىقى كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنغان، يىللىق كۆكتات ھوسۇلى مىڭ تونىدىن ئارتۇق.

2-، 3-كەسىپ

2-،3-كەسىپ جەھەتتە، ھازىرقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات بازارلىرىنىڭ بىرى، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 120 مو، بازار كۈنى كۈندىلىك خېرىدار ئاز كەم 20 مىڭ ئادەم ، كۈندىلىك سودا سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، يېزا بازىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئۇششاق تاۋارلار توپ ۋە پارچە سېتىش سودا بازىرى؛ شەھەر ئەتراپىدىكى ساياھەت جەھەتتە بىر باغچا، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 مو، باغ ئىچىدە تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ۋە تولۇق. مېۋىلەردىن ئانار، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىق ھەر خىل مېۋە كارىدورى، ئۆزگىچە مېۋە 10 نەچچە خىل، دېھقانچىلىق شەھەر ئەتراپى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتا يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.

مۇۋەپپەقىيىتى 

پوسكام يېزىسى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشتىن-ئاخىر بېيىش كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نى يېتەكچى قىلىپ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى ئەندىزىسى بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ دېھقانلارنى يېتەكلەپ «باشقىلاردا يوقى مەندە تەل، باشقىلاردا بولسا مەندىكىسى ئەلا، باشقىلارنىڭ ئەلاسى مەندە ئالاھىدە» ئالاھىدە تېرىقچىلىق تەرەققىياتىنى يولغا قۇيۇش؛

پوسكام يېزىسىشۇنىڭ بىلەن بىرگە سېتىۋېلىش شىركىتى ئىككى نەپەر تېخنىك باشلامچىلىقىدا يەنە يېزىنىڭ يەنە 32 پارتىيە ئەزالىرى كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر قايسى كەنت دېھقانلار ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئىز قوغلاش تېخنىكىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، پىگمېنتلىق مۇچ بىلەن ئوغۇت ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپتاپقا يىغىش قاتارلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار  تېخنىكا قائىدىسىنى پىششىق ئىگەللەپ پىگمېنتلىق مۇچ قىلالايدىغان ئەلا سۈپەتلىك، مول ھوسۇللۇق بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ياخشى باھادا ساتالايدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#