كەڭسۇ يېزىسى

كەڭسۇ يېزىسى

كەڭسۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كەڭسۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 374.3 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 坎苏乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى
نوپۇسى 13353 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى kǎn sū xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەڭسۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. كۈنەس ناھىيەسى قارمىقىدا، 

كەڭسۇ يېزىسىكەڭسۇ يېزىسىدىن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغىچە بولغان ئارىلىقى 48.5 كىلومېتىر، نارات تېغى ۋە ئابرال تېغى ئارىسىدا. 2012-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 214 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %16 ئاشقان، 218-دۆلەت يولى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتكەن، قاتنىشى قولايلىق.

كەڭسۇ قازاق تىلىدا «سۇ يۈزى ناھايىتى كەڭ دەريا» دېگەن مەنىدە، كەڭسۇ يېزىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان.

جۇغراپىيەلىك ئورنى

كەڭسۇ يېزىسىكەڭسۇ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان 84 گىرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 43.4 گىرادۇس، شەرقتە نارات بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى چەپ دەرياسى بىلەن تۇتاشقان، نارات يايلىقى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي ئارالتۆپە بازىرى بىلەن تۇتاشقان، شىمال تەرىپى ئابرال تېغىغا يانداش، نىلقا ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 29 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 27 كىلومېتىر.

ئومۇمىي كۆلىمى 374.3 كۋادرات كىلومېتىر، شەرقى ئېگىز، غەربى پەس، شىمالىي كەڭ، جەنۇبىي تار،  ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلى ھاسىل قىلغان، يەر شەكلى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى شەكىللىك، تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى دېھقانچىلىق رايونى، تاغلىق رايونلار ئاساسلىقى چارۋىچىلىق رايونلىرى، تۈزلەڭلىكنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن ئاشىدۇ. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، بىپايان ئوتلاق، گىرەلىشىپ كەتكەن سۇ يوللىرى، يېرى مۇنبەت، دېھقانچىلىققىمۇ، چارۋىچىلىققىمۇ مۇۋاپىق.

كىلىماتى

كەڭسۇ يېزىسىنىڭ كىلماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلماتقا تەۋە، يىلدىكى ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 1400 سائەت، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 650 ~ 800 مىللىمېتىر، يىلدىكى ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 140 كۈن. زىغىر، ياڭيۇ، بۇغداي قاتارلىق كۆپ خىل زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زىغىر مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، تېرىلغۇ كۆلىمى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا،شۇڭا بۇ يېزىنىڭ «زىغىر ماكانى» دەپ نامى بار.

كەڭسۇ يېزىسى قارمىقىدا جەمئىي بەش مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي ئائىلە سانى 3508 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 13353 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 12331 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1022 ئادەم، ئەرلەر 6874 ئادەم، ئاياللار 6479 ئادەم، قازاقلار 8523 ئادەم، خەنزۇلار 3403 ئادەم، خۇيزۇلار 648 ئادەم، ئۇيغۇرلار 554 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 225 ئادەم.

كەڭسۇ يېزىسىدىكى ياۋايى ھايۋان بايلىقى مول، تاغ، دەريا بويىدا ياشايدىغان بۇغا، ئېيىق، تاغ ئۆچكىسى، سۇغۇر، تۈلكە، قىرغاۋۇل قاتارلىق ھايۋانلار بار. سۇ ھايۋانلىرىدىن ئېگىز تاغ بېلىقى ئەڭ داڭلىق. دورىلىق قىممىتى بولغان ئۆسۈملۈكلەردىن سوغىگۈل، داڭگۇ، قار لەيلىسى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن ياۋا دورا ماتېرىياللىرى بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. جۇڭگو-موڭغۇلىيە ھەمكارلىق تولۇقلاش كۆمۈر كېنىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 250 مىليون توننا، ئاساسلىقى تۆۋەن كاربونلۇق، كوكس كۆمۈرى ۋە ئېنىرگىيە كۆمۈر، ئوچۇقچىلىقتا كان قېزىش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#