خاڭدى بازىرى

خاڭدى بازىرى

خاڭدى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 52 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى خاڭدى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 227.3 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 52 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 荒地镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
كىلىماتى يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10— ℃12
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاڭدى بازىرىخاڭدى بازىرى يەكەن ناھىيەسى شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 52 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي ئۇزۇنلۇق′36°76 دىن ′′45′3°77 كىچە، شىمالىي كەڭلىك ′′30′2°38 دىن ′′30′38°38 كىچە، باشام تاشيولى پۈتۈن بازار رايونىدا بار بۇلۇپ، قاتنىشى قولاي. شەرقتە يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، شەرقىي شىمال بىلەن مەكىت ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربىي شىمال بىلەن پەيلو دېھقانچىلىق مەيدانى، جەنۇبىي بىلەن ئېلىشقۇ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 21 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 18 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 227.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

خاڭدى بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىللىق نەم بەلباغ قۇرغاق چۆللۈك كىلىمات رايۇنىغا تەۋە، تۆت پەسىلىدىكى ھاۋا كىلىماتى ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10-℃12 تىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئومۇمەن 220-210 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. يورۇقلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول.

خاڭدى بازىرىخاڭدى بازىرىغا قاراشلىق 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: تۆۋەن دۆڭئۆستەڭ كەنتى، يۇقىرى تاغارچى كەنتى، تۆۋەن تاغارچى كەنتى، بوۋاقۇم كەنتى، يۇقىرى چاقماقكۆل كەنتى، تۆۋەن مۇغال كەنتى، يۇقىرى مۇغال كەنتى، تۆۋەن ھويلا كەنتى، تۆۋەن نوقۇقلۇق كەنتى، تۆۋەن چاقماقكۆل كەنتى، پاختىلىق ئېرىق كەنتى، يۇلغۇنبۇلاق كەنتى، ئامبار كەنتى، كونا بازار كەنتى، ئاقئوردا كەنتى، شوركۆل كەنتى، يۇقىرى دۆڭئۆستەڭ كەنتى، كۆتەڭكۆۋرۈك كەنتى، ماچاڭ كەنتى، يۇقىرى ھويلا كەنتى، يۇقىرى نۇقۇتلۇق كەنتى، چاشلىق كەنتى، گۈزەلباغ كەنتى، نۇرباغ كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، بازار كەنتى قاتارلىقلار.

خاڭدى بازىرىبۇ بازار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 95000 مو، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.4 مو. شەھەرگە قاراشلىق 27 مەمۇرىي كەنت، 115 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، 8170 ئائىلە، 41170 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 40982 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 171 ئادەم، باشقا مىللەتلەر17 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان، 47 پارتىيە ياچېيكىسى، پارتىيە ئەزالىرى 1189 نەپەر، كەنت كادىرلىرى 141 ئادەم، بازار ئورگان كادىرلىرىنىڭ شىتاتى 58 بولۇ ، ھازىرقى كادىرلىرى 51 ئادەم، قارا خىزمەتچىلىك شىتاتى ئۈچ ئادەم، ھازىر تۆت ئادەم بار. 2010-يىلى بازار بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2634 يۈەن، يەكەن ناھىيەسىدىكى نامرات يېزا-بازارلارنىڭ بىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#