ئارال يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئارال يېزىسى (چىڭگىل ناھىيەسى)
  2. ئارال يېزىسى (چەرچەن ناھىيەسى)
  3. ئارال يېزىسى ( كېرىيە ناھىيەسى)
  4. ئارال يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
چىڭگىل ناھىيەسى

ئارال يېزىسى

ئارال يېزىسى

ئارال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. «ئارال» قازاق تىلىدا «ئارىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئارال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 4556 كۋادرات كىلومېتىر
پوچتا نومۇرى 836500
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿热勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسى
نوپۇسى 10 مىڭ ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارال يېزىسىئارال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1958-يىلى راكېتا گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلۇپ، كېيىن قىزىل بايراق گۇڭشې قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982-يىلى ئارال گۇڭشېسى بولغان. 1984-يىلى ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆلىمى 4 مىڭ 556 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىڭ ئادەم. قازاق مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن %79.2 نى ئىگىلەيدۇ.

ئارال يېزىسىغا قاراشلىق 13 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: چياۋشىيا كەنتى، قۇرسىن كەنتى، ئاغىلاڭقى كەنتى، قوبى كەنتى، كەڭمويناق كەنتى، بىرىك كەنتى، تارات كەنتى، قۇردىنىڭ كەنتى، لاسىت كەنتى، تۈرگېن كەنتى، قاراڭغۇ توقاي كەنتى، قۇمقارىن كەنتى، دۆڭتى كەنتى قەتارلىقلار. 

ئارال يېزىسىدېھقانچىلىقتا بۇغداينى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى ئاساس قىلىنىدۇ. يېزا بويىچە 2003- يىلى 4766 مو  چىلان ئۆستۈرۈپ، 604 تۇياق كالا، 4087 تۇياق قوي؛ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1267 توننا؛ كېۋەز تېرىش كۆلىمى 5756 مو بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى مىڭ 678 توننا؛ پارنىكتىكى كۆكتات 250 مو؛ 420 مىڭ مو سۈپەتلىك ئوت-چۆپ تېرلغان. سۇ يېزىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولغاچقا جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى ناھىيە بويىچە %40 كۆكتاتلارنىڭ ئاساسى بۇ يېزىدىن كەلگەن. ئارال يېزىسى ناھىيە بويىچە قۇملۇق چەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىردىن بىر يول پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا يېزىدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئۇزاق مۇددەت ھەم يەنە كېلىپ ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#