دامسى يېزىسى

دامسى يېزىسى

دامسى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 95 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق رايون. 

ئۇيغۇرچە نامى دامسى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 8206 مو
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 达木斯乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 7937 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دامسى يېزىسىدامسى يېزىسى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 95 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق رايون. دامسى يېزىسى ئوتتۇرا-تۆۋەن تاغلىق رايون، كان بايلىقى مول. يەر شارائىتى غەربىي جەنۇپتىن شەرقىي شىمال تەرەپكە قىيسايغان، جىلغا بويى توغرىسىغا بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ ئېگىز-پەسلىكى چوڭ، چوڭقۇر ئازگال، دەريا ئەگرى-بۈگرى، تاغدا تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ئاز. كۆلىمى 8206 مو، نوپۇسى 7937 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 7934 ئادەم، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۈچ ئادەم بار. مەمۇرىي قىسىم سانى 35، كەسپىي ئىشتاتلىق 21 بولۇپ، قارا قىسىم سانى ئۈچ. 

دامسى يېزىسى ئەسلىدە قوشىراپ گۇڭشېسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، 1986-يىلى قوشىراپ گۇڭشېسىدىن ئاجرىتىلىپ، دامسى يېزا بۇلۇپ قۇرۇلغان. 

«دامسى« ئۇيغۇر تىلىدا «ئىلتىجا قىلماق، تىلاۋەت قىلماق، دۇئا قىلماق، ئىبادەت قىلماق، تىلىمەك» دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئىلگىرى بۇ يەر قويۇق ئورمانلىق بۇلۇپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئورمان كۆيۈپ كەتكەن. ياشانغانلار كۈندە دۇئا تىلاۋەت قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى ئۈمۈد قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

دامسى يېزىسىدامسى يېزىسىغا قاراشلىق 8 كەنىت ئاھالە كومتېتى بۇلۇپ، بۇلار: دامسى كەنتى، ئىچبەلتى كەنتى، قىزىلقىر كەنتى، يېڭىباغ كەنتى،  كەندىرلىك كەنتى، توققۇز ئات كەنتى، بوجان كەنتى، تاشنا كەنتى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بولسا دامسى كەنتى.

دامسى يېزىسى جۇغراپىيەلىك مۇھىتى مۇكەممەل بولمىغان 4-1 دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان تارقالغان. ئاساسلىقى بور، 3-سۋستىمىدىن بولغان قۇم تاش، شېغىل تاش، گىل تاش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان چۆكۈندى جىنسلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1820 مېتىردىن 4550 مېتىرغىچە. كىلىماتى پەس تاغ ئېدىرلىق كىلىمات رايونىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃11، قىش پەسلى ئۇزۇنراق، ياز پەسلى قىسقا بولىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 66 مىللىمىتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2072 مىللىمىتىر، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 22 مېتىر/ سېكونت، غەربىي ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توڭ تۇپراق چوڭقۇرلۇقى ئۇزۇنلىقى 70 سانتىمېتىر، ئەتىيازلىق ئېشىشى ئاستا، تۇپرىقى قوڭۇر تۇپراق بىلەن سۇغرىلما تىنما تۇپراقنى ئاساس قىلىنىدۇ.

دامسى يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان نوپۇس 9338 ئادەم ، ئومۇمى ئائىلە سانى 2053 ئائىلە. يېزا بويىچە جەمئىي بىر پارتكوم، بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 20 پارتىيە ياچېيكىسى، 361 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 52 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى 352 نەپەر، 35 ياشتىن تۆۋەن پارتىيە ئەزاسى 134 نەپەر، 60 ياشتىن يۇقىرى پارتىيە ئەزاسى 65 نەپەر، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 218 نەپەر، تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلاردىن 9 نەپەر، مەخسۇس كۇرستىن 44 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن 67 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىرىدىن 218 نەپەر. نامرات پارتىيە ئەزالىرى 19 ئادەم. »تۆت پېشقەدەم« لەر 54 ئادەم.

دامسى يېزىسىيېزا بويىچە سەككىز مەمۇرىي كەنت، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 4488 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى ئوتتۇرىچە 0.5 مودىنمۇ كەلمەيدۇ. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 4000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 3000 مو، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 1000 مو، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 5600 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق 2500 مو، ئۆرۈك 3100 مو. يىل ئاخىرىغىچە، يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1490 يۈەن.

دامسى يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 58 ئادەم، ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىر، بىر يېزا دەرىجىلىك دېھقان-چارۋىچىلار مەدەنىيەت-تېخنىكا مەكتىپى، بەش كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار؛ ئوتتۇرا مەكتەپتە 500 ئوقۇغۇچى، 47 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار 1041 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 98 گە يەتكەن. 145 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىدىكى ئوقۇتقۇچى 54 نەپەر، ناھىيە بازىرىدىكى ئوقۇتقۇچى 50 ئادەم، باشقا ئوقۇتقۇچى 26 نەپەر، باشقا جايلار، ناھىيە (شەھەر) لەردىكى ئوقۇتقۇچىلار 15 نەپەر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#