لوق يېزىسى

لوق يېزىسى

لوق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى لوق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 14870 ئادەم
ماشىنا كودى 新Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 洛克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوق يېزىسىلوق يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شەرقتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن كېسىشىدۇ، غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى زۇڭلاڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي قىسمى ئاقتاش دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پۈتكۈل يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، شەرق، جەنۇب، شىمال ئۈچ تەرىپى چۆللۈككە يېقىن. يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، ياڭاق قاتارلىق ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ۋە كېۋەز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

پۈتۈن يېزىسى تەۋەسىدىكى 14 مەمۇرىي كەنت، 53 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، جەمئىي 3131 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %98 تىن ئاشقان.

لوق يېزىسىلوق يېزىسىغا قاراشلىق 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى، 53 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، بۇلار: لوق كەنتى، جاڭگالتۈگمەن كەنتى، سىيەك كەنتى، ئاقتىش كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، كەڭكېچىك كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، بورا كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، قارا باسما ئورمانچىلىق مەيدانى، موغۇللا باغۋەنچىلىك مەيدانى قاتارلىقلار.

لوق يېزىسى تۈزلەڭلىك، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، پۈتۈن يەر كۆلىمى 1400 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.5 مو، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقتا بۇغداي، كېۋەز، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 15088 توننا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 1010 كىلوگرام. يەر قۇم ئىشقارلىق، پاختا تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ناھىيەلىك پاختا تېرىش چوڭ يېزىلىرىنىڭ بىرى. 

2005-يىلى يېزا بويىچە كېۋەز ئومۇمىي مەھسۇلاتى 27 مىڭ دەن. لاپاس 226 ئورۇن، 100 مو پارنىك، 6-كەنىتنىڭ 4 گۇرۇپپىسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى شەكىللەنگەن. باغۋەنچىلىك كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈك 11400 مو، ئانار 6306 مو، ياڭاق 4923 مو، 5-كەنت 4 گۇرۇپپا ئانار مول ھوسۇللۇق رايونى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. 9- كەنتىدىكى 2 گۇرۇپپا ۋە 13-كەنت ئۆرۈك مول ھوسۇللۇق رايونى بولغان. 2006-يىلى ئەتىيازدا ناھىيەدىكى كۆچۈرۈپ تىكىلگەن ياڭاق 8000 مو، ياڭاق كۆلىمى 13 مىڭ موغا كېڭەيتىلگەن. يىل ئاخىرىدىكى چارۋا 52300 تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 7428 تۇياق، ئۇششاق چارۋا 38382 تۇياق. 2005-يىلى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كىرىمى 52 مىليون 111 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كىرىمى 28 مىليون 369 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %54.44 نى ئىگىلەيدۇ.

ئورمانچىلىق كىرىمى 4 مىليون 823 مىڭ يۈەن، ئۇمۇمىي كىرىمنىڭ %9.2 نى ئىگىلەيدۇ. 

چارۋىچىلىق كىرىمى 16 مىليون 97 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %30.89 نى ئىگىلەيدۇ.

2-، 3-كەسىپنىڭ كىرىمى 2 مىليون 822 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %5.47 نى ئىگىلەيدۇ. 

پۈتۈن يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1756 يۈەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#