جاڭگىلىئەسكى يېزىسى

جاڭگىلئەسكى يېزىسى

جاڭگىلئەسكى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە 24 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى جاڭگىلىئەسكى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 280 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 江格勒斯乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 19 مىڭ 100 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭگىلئەسكى يېزىسىجاڭگىلئەسكى يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە 24 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، شەرقىي شىمال تەرىپى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن چېگرىداش، غەربىي جەنۇب تەرىپى پوسكام، يەكەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئۈچ ناھىيەنىڭ كېسىشكەن كۆزنىكى. كىلماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتىغا كىرىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 280 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شەكلى تەكشى يۈزى ئۇزۇنچاق، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 31 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 9.2 كىلومېتر. يېزا 640 مىڭ مو يەر ئېچىپ، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 530 مىڭ مو. يېزىغا قاراشلىق 16 مەمۇرىي كەنت، 2 باغۋەنچىلىك مەيدانى، 67 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، نوپۇسى 19 مىڭ 100 ئادەم، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

جاڭگىلىئەسكى يېزىسى ئىلگىرى بىر پارچە چۆللۈك، چۆل-جەزىرە، رەھىمسىز قۇم-بوران بۇلۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ھەر مىللەت خەلقى ئەقىل-پاراسەت كۈچى ۋە ھالال تەرى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ناچار شارائىتتا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، زور مىقداردا ئېرىق ئېچىپ سۇ باشلاش ئۆستىڭىدە بوز يەر ئېچىپ قۇملۇققا جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇملۇققا سۇ باشلاپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ شوخ قۇملۇق-بوستانلىق يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان ھەم قاغىلىق ناھىيەسى كېۋەز ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ يېزىدا بىر ئۆزگىچىلىكى بار دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

جاڭگىلئەسكى يېزىسىجاڭگىلىئەسكى يېزا تەۋەسىدە 16 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ئالمىلىق كەنتى، چەچقۇم كەنتى، يېڭىشەھەر كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، سايكىچىك كەنتى، شالدىراڭ كەنتى، گەمىلىك كەنتى، لەڭگەر كەنتى، خېنىچاقا كەنتى، مازار ئېرىق كەنتى، تۈگمەچاقا كەنتى، دەرۋازاقۇم يېزىسى، تاختا كۆۋرۈك كەنتى، توغراقلىق كەنتى، ھويلاچاقا كەنتى، ئارا جاڭگال كەنتى، گۈلباغ باغۋەنچىلىك مەيدانى، جىگدىلىك دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار. 

جاڭگىلئەسكى يېزىسىجاڭگىلىئەسكى چەت، يىراق يېزا بۇلۇپ قاتنىشى، ئۇچۇر توسۇلۇپ قېلىشى تەرەققىي قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق سىجىل ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، نىسپىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان، بولۇپمۇ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جاڭگىلىئەسكى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يېزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ « سۈپەتلىك پاختا، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، بازار» دىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش، بىر كەنتتە بىر ئالاھىدە ئېسىل مەھسۇلات كەسىپى بۇلۇش تەرەققىياتى، ئاشلىق-پاختا، كۆچەت تىكىشنى تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈش، ئۈزلۈكسىز زورايتىپ چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، 2-، 3-كەسىپ قۇرۇلمىسى يېزا ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېشىش ۋەزىيىتى پۈتۈن يېزىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ئۈچ مەدەنىيلىك» قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ يېزا ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە مۇقىم تەرەققىي قىلغان. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ياخشىلاپ خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتكەن. 2005-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 74 مىليون يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2389 يۈەن.

جاڭگىلىئەسكى يېزىسى تۇپرىقى مۇنبەت، يېقىملىق كىلىمات، تۆت پەسىل ئېنىق، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان بۇلۇ پ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، زىرە، پۇرچاق، قىزىل تۇرۇپ، تاۋۇز، قوغۇن، تەرخەمەك، قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، جىياڭدۇ، باش پىياز، يېسىۋېلەك قاتارلىقلار. جاڭگىلىئەسكى مېۋە-چېۋە ماكانى سەپ تەرىپلىندىغان بۇلۇپ، مېۋىسى قويۇق تاتلىق تەملىك، يېزا بويىچە ھازىر باغۋەنچىلىك كۆلىمى 48 مىڭ مو، يىلىغا 70 توننا ياڭاق، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كوچۋا كىشمىش ئۆرۈك 150 توننا، ئۈزۈمچىلىك 20 توننا.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#