جايتېرەك يېزىسى

جايتىرەك يېزىسى

جايتىرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان

ئۇيغۇرچە نامى جايتىرەك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 97.38 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加依提勒克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 20068 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جايتىرەك يېزىسىجايتىرەك يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە تۆگىچى يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي بارىن يېزىسى، غوجائېرىق يېزىسى، پوسكام ناھىيەسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. شىمالىي جاڭگىلىئەسكى يېزىسى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 20.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 97.38 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي ئائىلە سانى 4039 ئائىلە، نوپۇسى 20068 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ 800 مو بولۇپ، پاختا ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى.

جايتىرەك يېزىسى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ چېگرا ئىچى مەركىزىگە جايلاشقان، كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تۆت پەسىل ئېنىق، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. ئىسسىقلىق ۋاقتى ئۇزۇن، ئەتىياز پەسلىدە قۇم-بوران كۆپ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃319، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃11.61، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 53.2 مىللىمېتىر، ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2491 مىللىمېتىر. چېگرا ئىچىنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، قىسمەن يەلپۈگۈچسىمان بەلۋاغدا تۇرىدۇ. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، يەر ئاستى سۇ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى، %72 سۇغىرىلما–تىنما تۇپراق، %17.5 چىملىق توپا، ئورگانىك ماددا تەركىبى %10.5، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان فوسفور مىقدارى 1.92 PPM بولغان نەم تۇپراق.

جايتىرەك يېزىسىجايتىرەك يېزىسىغا قاراشلىق 23 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى بار بۇلۇپ، بۇلار: باش توڭتاش كەنتى، توڭتاش كەنتى، ئوقئېرىق كەنتى، بېلىقچى كەنتى، يۇقىرىقى ھويلا كەنتى، تۆۋەنكى جايتېرەك كەنتى، بۇرىمى ئۆستەڭ كەنتى، قۇمۇسدۆڭ كەنتى، خالاستان كەنتى، تومبېشى كەنتى، كۆتۈرمە ئاغىلىق كەنتى، يۇقارقى جايتېرەك كەنتى، قۇمدۆڭ كەنتى، باخشىم ئېرىق كەنتى، لاڭقا باغ كەنتى، لەمپەدۆڭ كەنتى، لەنگەر كەنتى، سۇلتان ئېرىق كەنتى، قۇمبا كەنتى، قۇلانچى كەنتى، ئاق مەسچىت كەنتى، رەيھانئېرىق كەنتى، ئالاسايفان كەنتى، يىلاۋات باغۋەنچىلىك مەيدانى قاتارلىقلار ۋە 82 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

جايتىرەك يېزىسى 2005-يىلى مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 67 مىليون 393 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2056 يۈەندىن 2317 يۈەنگىچە بولغان. 2004-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 279 يۈەن ئاشۇرۇلۇپ، % 13.7 ئاشقان. 

جايتىرەك يېزىسىيېزا بويىچە تېرىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 33 مىليون 647 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1186 يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 87 يۈەن، بېكىتكەن پىلانىدىكى كىرىم %7.9 ئاشقان. 

چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 20 مىيون 43 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 576 يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدا بەلگىلەنگەن پىلاندىكىدىن ئاشقان كىرىمى 75 يۈەنگە يېتىپ %15 ئاشقان.

باغۋەنچىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 3 مىليون 237 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 163 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 9 يۈەن، بېكىتكەن پىلانى كىرىم ئاشۇرۇش نىسبىتىدىن %6 ئاشغان.

2-، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليون 720 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %21.5 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 382 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى كىرىمىنى ئاشۇرۇشتن 50 يۈەن، %15 ئاشقان.

چارۋىچىلىقنى زورايتىش، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى پەن-تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئۈنۈمنى يادرو قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىق «ئىككى چوڭ بىر كىچىك بىر ئالاھىدە» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىلمىي بېقىش تېخنىكىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. «باي ئائىلىلەر چوڭ چارۋا بېقىپ، ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۇششاق چارۋا بېقىپ، نامرات ئائىلە ئۆي قۇشلىرى بېقىپ، ئۇششاق چارۋىچىلارنى چوڭ چارۋىچىلارغا ئالماشتۇرۇپ» دومىلىما شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كالا بېقىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، قويچىلىق پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرغان. بىر تۈركۈم باقمىچىلىق كەسپىي كەنتى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلەتكەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#