يىتىملىقۇم يېزىسى

يىتىملىقۇم يېزىسى

يىتىملىقۇم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. تەۋەلىكى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى يىتىملىقۇم يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 101.5 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 依提木孔乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 29 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىتىملىقۇم يېزىسىيىتىملىقۇم يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە تېتىر يېزىسى ۋە چاسامېچىت يېزىسى، جەنۇبتا سايباغ يېزىسى، غەربىي چارباغ بازىرى، شىمالىي بارىن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 

بۇ يېزا شەھەرگە قاراشلىق 27 مەمۇرىي كەنت، بىر مەيدان (باغۋەنچىلىك مەيدانى)، 118 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 8 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ مو. ئۈچ ئاساسلىق مىللەتەر، يەنى: ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 5160 ئائىلە، نوپۇسى 29 مىڭ ئادەم، ئومۇمىي ئەمگەك كۈچى 5400 ئادەم، ئۇيغۇر 26 مىڭ ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪98.7 نى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇ 3240 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.2 نى ئىگىلەيدۇ. خۇيزۇ 270 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.1 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم، يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىدىن باشقا ئاھالىسى 1900 ئادەمدىن ئارتۇق. ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى 45، پارتىيە ئەزالىرى 1002 ئادەم؛ پۈتۈن يېزا مەسچىتى 85، دىنىي زاتلار 116 ئادەم.

يىتىملىقۇم يېزىسىھازىر ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك «مەدەنىي ئورۇن» دەپ نام بېرىلگەن. (يېتىملىقۇم يېزىلىق ھۆكۈمەت، 17 كەنت)، ناھىيە دەرىجىلىك «مەدەنىي ئورۇن» جەمئىي 11، بۇنىڭ ئىچىدە 7 كەنت (4-كەنت، 5-كەنت، 11-كەنت، 12-كەنت، 16-كەنت، 19-كەنت، 21-كەنت)، بىر پونكىت (يېزىلىق شىپاخانا)، 3 مەكتەپ (يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، 19 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى). «ئون يۇلتۇزلۇق مەدەنىي ئائىلە» 2100 ئائىلە، 2004-يىلى، 2005-يىلى، 2007-يىلى «ئىلغار يېزا-بازار» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «پىلانلىق تۇغۇت بويىچە ئىلغار يېزا-بازار» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» بولۇپ باھالانغان.

يىتىملىقۇم يېزىسى2008-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 292 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 79 مىليون 223 مىڭ 600 يۈەن بولۇپ، ٪39 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5519، بۇلتۇرقىدىن 1523 يۈەن، %38 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە: 

تېرىقچىلىقتا ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1216 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 175 يۈەن، %17 ئاشقان. 

باغۋەنچىلىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2598 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 914 يۈەن، %54 ئاشقان.  

چارۋىچىلىقتا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 737 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 131 يۈەن، %22 ئاشقان.

2-، 3-كەسىپ ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 967 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 300 يۈەن، %34 ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#