كۆكيار يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۆكيار يېزىسى (قاغىلىق ناھىيەسى)
  2. كۆكيار يېزىسى (كېرىيە ناھىيەسى)
  3. كۆكيار يېزىسى (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى)
قاغىلىق ناھىيەسى

كۆكيار يېزىسى

كۆكيار يېزىسى

كۆكيار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 219-دۆلەت يولىغا 62 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3662.5 كۋادرات كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى كۆكيار يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 3662.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق رايون كىلماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 柯克亚乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 17827 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكيار يېزىسىكۆكيار يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 219-دۆلەت يولىغا 62 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، قارىمىقىدا 17 مەمۇرىي كەنت 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 3571 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 17827 ئادەم. ئۇيغۇر ۋە تاجىك ئىككى مىللەت ئولتۇراقلاشقان، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11 مىڭ 984 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 0.71 مو. كۆكيار يېزىسى تاغلىق رايوندا بولغاچقا ھەر قايسى كەنتلەر نىسبەتەن تارقاق، تەۋەلىكىدە تۆت رايون بۇلۇپ، يەنى كۆكيار تارماق رايونى، شىخاپ تارماق رايونى، مومۇق تارماق رايونى، گوساس تارماق رايونى. يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت كۆكيار رايون تەسىس قىلىنغان، شىخاپ رايونى بىلەن مومۇق رايونى، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر، گوساس رايونى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىقى 165 كىلومېتىر.

2005-يىلى پۈتۈن يېزا بويىچە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1173.9 يۈەن. يېزا بويىچە جەمئىي 33 پارتىيە ياچېيكىسى (بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىر مائارىپ باش ياچېيكىسى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 662، بۇنىڭ ئىچىدە كادىرلار، ئىشچى پارتىيە ئەزالىرى 186 ئادەم، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 476 ئادەم. 

كۆكيار يېزىسىكۆكيار يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653126213، يېزىغا قاراشلىق 17 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: كۆكيار كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، ئوتۇنسۇ كەنتى، پۇسا كەنتى، ئاقمەسچىت كەنتى، ئۈسەس كەنتى، تارئېغىز كەنتى، گوساس كەنتى، ئاچچىقبەلدۇ كەنتى، قارا يۇلغۇن كەنتى، مومۇق كەنتى، دۇڭزۇلا كەنتى، ئۇسۇلۇش كەنتى، ئامانشا كەنتى، ئېگىزيار كەنتى، ئاۋاتباغ كەنتى، يەمبۇك كەنتى قاتارلىق.

كىلماتى 

كۆكيار يېزىسىكۆكيار يېزىسى تىپىك دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن تاغلىق يېزا بولۇپ، تۇرۇۋاتقان جۇغراپىيەلىك ئورنى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2200 مېتىر، كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق رايون كىلماتى، كەلكۈن پەسلى سوغۇق بولىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق، كۈندىلىك تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئوتتۇرىچە يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى ℃30.7، كۈندىلىك تېمپېراتۇرا پەرقى ℃13.3، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 180 مىللىمېتىر، يىللىق قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەت، قىراۋسىز مەزگىلى 200 كۈن بولىدۇ. 

 تەبىئىي بايلىقى 

كۆكيار يېزىسى مول قېزىلما بايلىقدىن نېفىت، ھاك تاش، مەرمەر تېشى، گىل، كۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، قاشتېشى قاتارلىق نۇرغۇن كان بايلىقلىرى ساقلانغان. ھاك تېشى كېنى ئاساسلىقى 219-دۆلەت يولىدىن 90 كىلومېتىردىن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەت يولى بويىدا، قاشتاش كېنى ئاساسلىقى دۆلەت يولى 219 - 137 كىلومېتر لىنيىسى بويىغا مەرمەر تاش كېنى ئاساسلىقى 219-دۆلەت يولىدىن 126 كىلومېتر لىنيە بويىغا كۆمۈر، گىل كانى ئاساسلىقى كۆكيار يېزىسى پۇسا كەنتىدە مىس، قوغۇشۇن، سىنىك تۆمۈر  قاتارلىقلار. ئاساسلىقى گوساس، مومۇق تاغلىق رايونلىرىدا ھەر خىل قېزىلما بايلىق زاپىسى ئىنتايىن مول.

كۆكيار يېزىسىچوڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق تاللاش، تېرىش، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ھوسۇلنى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار جەريانىنى تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ھەمدە ۋاقتىدا نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ۋە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى چاڭلاشتۇرىدىغان بولغان. 2005-يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 11744 مو،  بىرلىك مەھسۇلاتى 477 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5607.4 توننا، ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەھسۇلاتى 40 توننىغا يېتىپ %0.7 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 9480 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 383 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 3630.8 توننا؛ كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 2264 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 873 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1976.6 توننا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#