ئۇيغۇرچە نامى ئەيشىن سىرى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 360 مىڭ مو
ماشىنا كودى 新F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 爱新舍里镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 8242 ئادەم
مەمۇرىي رايون نومۇرى 654022101

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەيشىن سىرى بازىرىئەيشىن سىرى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا لىنىيىسى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومېتىر، پاۋدۇلا پورتى بىلەن بولغان ئارلىقى 20 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 360 مىڭ مو. بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىقنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان تەشكىلىي تۈزۈلۈشلۈك بازار. ئەيشىن سىرى بازىرى تەۋەسىدە، 4 مەمۇرىي كەنت، 26 مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇن بار. پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي نوپۇس 8242 ئادەم، شىبە مىللىتى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، قىرغىز، خۇيزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئەيشىن سىرى بازىرى قارىمىقىدا: يىلا كەنتى، ئەنباتىي كەنتى، ئۇجۇ نىيۇۋلۇ كەنتى، نادەنماڭكەن كەنتى قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

1997-يىلى، ئەيشىن سىرى بازىرىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 33 مىليون 403 مىڭ 700 يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1424.95 يۈەن. ئەيشىن سىرى بازىرى باشتىن-ئاخىر «دېھقانچىلىقنى تۈجۈبىلەپ، چارۋىچىلىقنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىزچىل تەرەققىي قىلغان.

دېھقانچىلىقى

ئەيشىن سىرى بازىرى1997-يىلى، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 14 مىليون 75 مىڭ يۈەن، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8110.1 توننىغا يەتكەن. بۇ بازارنىڭ ياز پەسلىدە تېمپېراتۇراسى يۇقىرى، كۈن نۇرى يېتەرلىك، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلى ۋىلايەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولىدۇ. ھازىرقى پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4172.55 توننىغا يەتكەن، ناھايىتى زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئەيشىن سىرى بازىرىنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور.

چارۋىچىلىقى

1997-يىلى، چارۋىچىلىق كىرىمى 2 مىليون 29 مىڭ يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى چارۋا سانى 37338 (دانە) تۇياققا يەتكەن.

يېزا-بازار كارخانىلىرى

ئەيشىن سىرى بازىرى تەۋەلىكىدە ھەر خىل كارخانا 97 گە يەتكەن، بۇلار ئىچىدە، قۇيما پولات زاۋۇتى، بىرىنچى، ئىككىنچى كۆمۈر كان ئۇنىۋېرسال پىششىقلاش زاۋۇتى، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىق بەش يېزا-بازار كارخانا ئورگىنى بار. 1997-يىلى، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى 16 مىليون 32 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 1997-يىلى، دۆلەتكە تاپشۇرغان باج سوممىسى 440 مىڭ يۈەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 347 ئادەمگە يەتكەن، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى: كۆمۈر، قىزىل خىش، ئۇن، يەم-خەشەك، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#