تۈمەنتال يېزىسى

تۈمەنتال يېزىسى

تۈمەنتال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. تۈمەنتال يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653127203. 

ئۇيغۇرچە نامى تۈمەنتال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 20 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吐曼塔勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈمەنتال يېزىسىتۈمەنتال يېزىسى مەكىت ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. باشام تاشيولى ۋە تۆت تۈەن-مەيدانغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىغا سىرتتىن تېگىشىدۇ، قاتنىشى تولىمۇ قولايلىق، چوڭ ترانسپورت قاتناش تورى سىستېمىسى بار، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل.

تۈمەنتال يېزىسى تەۋەسىدىكى 12 مەمۇرىي كەنت، 64 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلىي دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 20 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %90 تىن كۆپرەكنى، خەنزۇلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت %10 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 15 مىڭ ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %75 نى ئىگىلەيدۇ، ئەمگەك كۈچى ئومۇمىي سانى 5088 ئادەم، ياش يېزا ئىگىلىك نوپۇسى %40. 

تۈمەنتال يېزىسىتۈمەنتال يېزىسىغا قاراشلىق 12 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: تۈمەنتال كەنتى، كۈرۈكلۈك كەنتى، ئونئوتاق كەنتى، پىلتە قۇمۇشلۇق كەنتى، ئاياغتام كەنتى، مىنەك كەنتى، كېۋەزلىك كەنتى، چىرىمدانلىق كەنتى، تۆگەدۆڭ كەنتى، ھاجىئاۋات كەنتى، ياركۆل كەنتى، ئاچچىقتاللىق كەنتى قاتارلىقلار.

يېزىنىڭ ئورگان ۋە «يەتتە پونكىت، سەككىز ئورۇن، ئىككى كوپىراتىپ›› قاتارلىق 21 ئورۇنلىرى بار. يېزا بويىچە 13 مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوقۇغۇچىسى 4028 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 131 ئادەم، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#