ناداچىنىرۇ يېزىسى

ناداچىنىرۇ يېزىسى

ناداچىنىرۇ يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ناداچىنىرۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 65 كۇۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳达齐牛录乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 4940 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ناداچىنىرۇ يېزىسىناداچىنىرۇ يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، كۈن نۇرى يېتەرلىك، سۇ بايلىقى مول، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئەۋزەل شەرت-شارائىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28450 مو. شال، بۇغداي، قوناق، كۆچەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتسادى زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە.

ناداچىنىرۇ يېزىسى تەۋەسىدە: ناداچىنىرۇ كەنتى، ئۇخىرىدا كەنتى قاتارلىق ئىككى مەمۇرىي كەنت ۋە سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

يېزىلىق ھۆكۈمەت ناداچىنىرۇ كەنتىگە جايلاشقان.

ناداچىنىرۇ كەنتى

ناداچىنىرۇ كەنتىدە 1333 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 3737 ئادەم، شىبە، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىبە مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %49 نى، ئۇيغۇر %18 نى، خەنزۇ مىللىتى % 20 نى ئىگەللىگەن.

ئۇخىرىدا كەنتى

ئۇخىرىدا كەنتى ناداچىنىرۇ يېزىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن بولغان ئارلىقى 3.5 كىلومېتىر، شەرقى نەسىللىك كۆپەيتىش مەيدانى 3-ليەنى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇب تەرىپى چوغۇر ئۆستىڭى بىلەن چېگرالانغان، غەرب تەرىپى ئىلى-مۇڭغۇلكۈرە تاشيولىغا تۇتاشقان، شىمال تەرىپى چوغۇر جەنۇبىي ئۆستىڭى بىلەن قوشنا. پۈتۈن كەنتتە 236 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 1203 ئادەم، خەنزۇ، خۇيزۇ، شىبە، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، خەنزۇ مىللىتى ئاساس قىلىنغان بولۇپ كەنت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 80 نى ئىگەللىگەن.

ناداچىنىرۇ يېزىسىناداچىنىرۇ يېزىسىدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور ۋە قويۇق بولغان شىبە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بار، شىبە مىللىي قەھرىمانى تۇپاتى مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالغا تۇپاتى خاتىرە سارىيى سېلىنغان، ساقلىنىپ قالغان گۈۋەندى ئىبادەتخانىسى، ئىلاھە خارابىسى قاتارلىقلار بار، بۇلار دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

PPA

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#