قاينۇق يېزىسى

قاينۇق يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاينۇق يېزىسىقاينۇق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 28 كىلومېتىر. شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوغۇنچى يېزىسى، 7-يېزا، 5-يېزا، جاغىستاي يېزىسى، 8-يېزا بىلەن تۇتاشقان.
قاينۇق يېزىسى قارمىقىدا: قاينۇق كەنتى، ئالىستان كەنتى، چېجى كەنتى، توپيارچى كەنتى، چوڭبۇلاق كەنتى قاتارلىق 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
قاينۇق يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 420 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 76 مىڭ 156 مو. 2004-يىلى قاينۇق يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 32 مىليون 945 مىڭ 900 يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1681.69 يۈەن بولغان، تۈرلۈك چارۋا-مال 33675 تۇياققا (دانە) يەتكەن.
جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغان زاراڭزىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ، يېزا بويىچە زاراڭزا تېرىلغۇ كۆلىمى ھەر يىلى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق، يېقىن ئەتراپتىكى قوغۇنچى يېزىسى ۋە جاغىستاي يېزىسىدىمۇ زاراڭزا تېرىلغۇ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ.
ئىقتىسادىي ئورمان، (ئاساسلىقى ئالما)نىڭ پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي كۆلىمى 5533 مو، مېۋە بەرگەن كۆلىمى 2000 مودىن ئارتۇق، تېرىلغۇ كۆلىمى چاپچال ناھىيەسى بويىچە 1-ئورۇندا، يېزىدىكى ھەممە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخ تىكىشتەك بىر خىل ئادىتى بار. تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قاينۇق يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.