ئۇيغۇرچە نامى جاغىستاي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 500 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى يېرىم قۇرغاق چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加尕斯台乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 16553 ئادەم (2014-يىلى)
ئىنگلىزچە نامى jiagasitai country

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاغىستاي يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەلىكىدە. قارمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت بار، يېزىدا تۇرۇشلۇق 735-يادرو سانائەت كېنى، 731-كان، 510-سىناش ئەترىتى، تەڭرىتاغ سېمونتى، ئالتۇن ئەجدىھا سېمونتى قاتارلىق ئورۇنلار، 4 مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 3 باشلانغۇچ مەكتەپ، 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 3 بالىلار باغچىسى بار. 

جاغىستاي يېزىسىجاغىستاي يېزىسى چاپچال ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان ئېگىز تاغلىق رايۇنغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتا، شەرقتە قاينۇق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئۇسۇن تېغى ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بىلەن چېگرالانغان، غەربتە ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى يېڭى تېخنىكا رايونى ئۇقۇتچى بىلەن چېگرالانغان، شىمالىي ناداچىنىرۇ يېزىسى بىلەن قوشنا، غۇلجا جەنۇبىي سانائەت رايونى ۋە يىتەي سانائەت رايونى بىلەن يانمۇ يان قوشنا.

جاغىستاي يېزىسىنىڭ ئىقلىمى يېرىم چۆل قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، ھۆل-يېغىن مىقدارى بەك ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بەك چوڭ، ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق بايلىقى مول، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.9، ≥ ℃10 يىغىندى تېمپېراتۇراسى ℃3579.5، يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2813.9 سائەت، يىللىق قۇياش ئومۇمىي رادىئاتسىيەسى 562 ~ 572 kj/cm، قۇياش رادىئاتسىيە مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 401kj/cm، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 205 مىللىمېتىر، ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 7614 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800 ~ 1200 مېتىر ئارىلىقىدا، بۇ دائىرىدە تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم ئالاھىدىلىكى بار. تۇپرىقى ئاساسىي جەھەتتىن كۈل رەڭ تۇپراق، ئاز قىسىمى قارا تۇپراق، ئورگانىك ماددا مىقدارى %2. ئېدىرلىقلار ياكى قىسمەن رايونلاردىن باشقا رايۇنلىرىنىڭ تۇپراق قاتلىمى نېپىز، ئادەتتە تۇپراق قېلىنلىقى 1 مېتىر ئەتراپىدا.

جاغىستاي يېزىسى تەۋەسىدە: تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتى، جاغىستاي كەنتى، يۇقارقى جاغىستاي كەنتى، ئاقيار كەنتى، نۇراخۇن بۇلاق كەنتى قاتارلىق بەش مەمۇرىي كەنت بار.

جاغىستاي يېزىسىپۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 750 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 80 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 572 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 33 مىڭ مو، مېۋىلىك باغ كۆلىمى 7 مو، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، قۇرغاق، سۇ كەمچىل، تېرىلىدىغان زىرائىتى ئاساسلىقى زاراڭزا، قىزىل بۇيا، بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار.

تەۋەلىكىدە قېزىلما بايلىق تۈرلىرى مول، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق تۈرلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، ھاك تاش، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇم قاتارلىق كان تۈرلىرى بار.

جاغىستاي يېزىسىجاغىستاي يېزىسى تەۋەسىدە 3406 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 16553 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %79، قازاقلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %17، باشقا مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %4 نى ئىگەللىگەن.

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8746 يۈەن، يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 1278 ئادەم، شەھەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 467 ئادەم، نامرات ئائىلە 689 ئائىلىلىك، 2385 ئادەم، نۇقتىلىق كىشىلەر 42 ئادەم، ئالاھىدە توپ 66 ئادەم، ئۇيغۇرلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نامراتلارنى يۆلەپ، نۇقتىلىق مۇقىملىقنى قوغداپ، ئورتاق روناق تاپقان تاغلىق يېزا.

جاغىستاي يېزىسىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىئەۋلىيا چوققىسى يازلىق ئىسسىقتىن ساقلىنىش رايونى چاپچال ناھىيەسىدە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ، جاغىستاي سۇ ئامبىرى، قىش پەسلىدە غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى-نۇراخۇن قار تېيىلىش مەيدانى،  جاغىستاي جىلغىسى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#