ئۇيغۇرچە نامى تولى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 103 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托里镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى
نوپۇسى 15 مىڭ ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى tuō lǐ zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«غەربىي يۇرتنىڭ دەرياسى-ئېقىنلىرى ھەققىدە خاتىرە» دە، تولى موڭغۇلچە سۆز بۇلۇپ، مەنىسى «ئەينەك» دېگەنلىك، چېگرىسى ئىچىدە بۇلاق سۈيى سۈزۈك ئەينەكتەك بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان.

چىڭ سۇلالىسى (چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گاۋزۇڭنىڭ يىلنامى) 31-يىلى (1766-يىلى)، كۆل قارائۇسۇدىن تارباغاتايغىچە جەمئىي ئون جايدا ھەربىي رابات، تولى بۇلاق بەل ئىستانسىسى بار بولۇپ، كېيىن تولى ئۆتىڭى تەسىس قىلىنغان.

تولى بازىرىتولى ئەسلىدە دۆربىلجىن ناھىيەسى قارمىقىدا بولۇپ، 1950-يىلى، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئارقىلىق 8، 9، 13-قاتارلىق بۇ ئۈچ رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى ئاساسىدا تولى مەركىزىي رايونى قۇرۇلغان.

1952-يىلى، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ چىقىلىپ تولى ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. كېيىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە تەۋە بۇلغان.

1956-يىلى، تولى بازىرى تەسىس قىلىنغان.

ئورنى

تولى بازىرى تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي. ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′82°28 دىن ′85°20، شىمالىي كەڭلىك ′44°58 دىن ′46°24 ئوتتۇرىسىدا، كۆلىمى 103 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 15 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %60 نى ئىگىلىگەن.

كىلماتى

تولى بازىرىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، ياز پەسلىدە سالقىن، قىش پەسلىدە قار كۆپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4.3، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 253 مىللىمېتىر.

تولى بازىرى تەۋەلىكىدە: جىڭچۈەن مەھەللىسى، بەيگىتۇبە مەھەللىسى، قاراغاي باستاۋ مەھەللىسى، تېسباقان مەھەللىسى، مەدەنىيەت كوچا مەھەللىسى، گۈللىنىش يولى مەھەللىسى، چىڭجياۋ كەنتى، تېسباقان كەنتى قاتارلىق ئالتە مەھەللە، ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

مەمۇرىي رايون نومۇرى ۋە يېزا-بازار بويىچە ئايرىش كودى:

654224100 تولى بازىرى؛

654224100001 121 جىڭچۈەن ئاھالە كومىتېتى؛

654224100002 121 بەيگىتۆبە ئاھالە كومىتېتى؛

654224100003 121 قاراغاي باستاۋ ئاھالە كومىتېتى؛

654224100004 121 تېسباقان ئاھالە كومىتېتى؛

654224100005 121 مەدەنىيەت كوچا مەھەللىسى؛

654224100006 121 گۈللىنىش يولى مەھەللىسى؛

654224100200 122 چىڭجياۋ كەنتى؛

654224100201 121 تېسباقان كەنتى؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#