قاراتۈڭكې يېزىسى

قاراتۈڭكې يېزىسى

قاراتۈڭكې يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا، كۆكتوقاي ناھىيەسى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاراتۈڭكې يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 7000 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉通克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 8000 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراتۈڭكې يېزىسىقاراتۈڭكې يېزىسى كۆكتوقاي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا، كۆكتوقاي ناھىيەسى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، مەھەللە قارمىقىدا 8 مەمۇرىي كەنتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق كەنتى 6، چارۋىچىلىق كەنتى 2، يېزا بويىچە جەمئىي نوپۇسى 1417 ئائىلە، 8000 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3189 ئادەم، پۈتۈن يېزا پارتىيە ياچېيكىسى 19، پارتىيە ئەزاسى 298 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى 178 ئادەم، ئىتتىپاق ئەزاسى 264 ئادەم؛ 

يېزا بويىچە 27000 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەم-خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 10436 مو، 2007-يىلى تۇياق چارۋا ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 168674 تۇياق (دانە). 2007-يىلى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 81 مىليون 700 مىڭ يۈەن، مالىيە كىرىمى 850 مىڭ يۈەن، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4459 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش 385 يۈەنگە يەتكەن. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىشنى ئاساس قىلغان. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. چېگرىسى ئىچىدە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى قاراتۈڭكې مىس-نىكېل كېنى بار.

قاراتۈڭكې يېزىسىقاراتۈڭكې يېزىسىغا قاراشلىق سارتوقاي كەنتى، كۆكبۆكتى كەنتى، جالپاق كەنتى، كىچىك كۆمۈركان كەنتى، ئورتا ئارغالتاي كەنتى، تاستاق كەنتى، كۆكتال كەنتى، قىزىل قۇدۇق كەنتى، ئالابۆك كەنتى، بەيياڭگۇ كەنتى، ئاقجار كەنتى، قاراجىگىت كەنتى قاتارلىق 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#