تېمېكى يېزىسى

تېمېكى يېزىسى

تېمېكى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيە  بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تېمېكى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 3000 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906
خەنزۇچە ئاتىلىشى 铁买克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 5534 ئادەم
پوچتا رايون نۇمۇرى 836100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېمېكى يېزىسىتېمېكى يېزىسى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئېرتىش دەرياسى بىلەن قايىرتى دەرياسى قوشۇلغان جايى، شەرق تەرىپى كۆكتوقاي، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئورمانچىلىق مەيدانىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كۋادرات كىلومېتىر، چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر، چۆللىشىپ كېتىش نىسبىتى %91 كە يەتكەن. يېزا بويىچە جەمئىي يېزا ئىگىلىك كەنتىدىن 6 سى، بىر چارۋىچىلىق كەنتى، يەنە بىرسى تىپىك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن كىچىك يېزا. يېزىدا خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئومۇمىي ئائىلە سانى 1415 ئائىلە، جەمئىي نوپۇسى 5534 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 4859 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نۇپۇستا %70 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا بويىچە سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليون يۈەن، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون 860 مىڭ يۈەن.

قىشلىق چارۋىچىلىق فىرمىسى يىراق گۇچۇڭ، يازلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن ئوتتۇرا موڭغۇلىيە چېگرلىنىدۇ، جەنۇبتا سانجى ئوبلاستى چېگرىسى، شىمالدا چوڭ كۆۋرۈك ئورمانچىلىق مەيدانى. يېزا بويىچە ئۆز تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ تەبىئىي نۇقتىسى كۆپ، لېنىيە ئۇزۇن، ئەڭ يىراق تەبىئىي كەنت سارتېرەك كەنتى قاراچاخەي بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى ئورنى 200 كىلومېتىر كېلىدۇ.

تېمېكى يېزىسىپۈتۈن يېزىغا قاراشلىق 7 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، يەنى: تېمېكى مەمۇرىي كەنتى (چاغانگۇ كەنتى، تېمېكې كەنتى)، تېمېكې يېڭى كەنت مەمۇرىي كەنتى، قايىرتى مەمۇرىي كەنتلەر (قايىرتى كەنتى، تابىستاي كەنتى، ئاخبېر كەنتى، بۇرچى كەنتى، ئۇلۇخۇت كەنتى، شېبەر توللېر كەنتى)، تۇزباي مەمۇرىي كەنتلەر (تۇزباي شەرقىي كەنتى، تۇزباي غەربىي كەنتى، ئۈشكۆپىر كەنتى، ئۇساق قايىڭدى كەنتى)، قاراساي ياغاچ ئورمانچىلىق مەمۇرىي كەنتى، سار تېرەك چارۋىچىلىق مەمۇرىي كەنتلەر (قاراچاخەي كەنتى، ئۈرۈمچى دەرياسى دانبا كەنتى)، خەيزىكۇ مەركىزىي كەنتى ( خەيزىكۇ كەنتى، سورتى كەنتى، شېبەرتېلىق كەنتى).

2007-يىلى بۇ يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 27830 مو. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ مو بۇغداي، كۆممىقوناق 500 مو. ئىقتىسادىي زىرائەت 8200 مو، بۇنىڭ ئىچىدە 4700 مو گازىر تاۋۇزى، گازىر 3000 مو، ياغلىق ئاپتاپپەرەس 500 مو. پۇرچاق جەمئىي 1830 مو (نوقۇت 1000 مو)، ياڭيۇ 1600 مو، پىۋا ئارپىسى 1693 مو، بېدە 2707 مو، سىلوس قونىقى 1000 مو، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار 300 مو، بۇنىڭ بىلەن ئاشلىق باشقۇرۇش ئوت-چۆپ نىسبىتى 61.1:36.4:2.5، تەڭشەلگىنى 47.2:37.7:15.1. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قىشلىق پەن-تېخنىكا» پائالىيىتىدە يېزا بويىچە تەربىيەلەنگەن دېھقان چارۋىچىلار 2000 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

تېمېكى يېزىسىبۇ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كەتكەن 600 ئادەم ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى : 

بىرىنچىدىن، يېزىنىڭ توشقان باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش. بۇ يىل يېزا توشقان بېقىش كەسپى باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، باقمىچى مەھەللە، يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، يېمەكلىك چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىق بىر قاتار تۈرلەرنى يولغا 30 نەچچە ئىش ئورنىنى ھەل قىلغان.

ئىككىنچىدىن، تايانچ، يېزىلىق تەۋەسىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ سىرتقا چىقىرىلغانلار 100 ئادەم بولغان. 

ئۈچىنچىدىن، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى تايانچ كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتە يىل بېشىدا ناھىيەلىك «خۇڭتەي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى» كېڭىشىش ئارقىلىق يېزىلىق ھۆكۈمەت تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېزا بويىچە جەمئىي 130 نەچچە ئادەم ئىش توختامىنى ئىمزالىغان. 

تۆتىنچىدىن، ئۆزگىرىشچان قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك تور مائارىپى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمگەك-مۇلازىمەت ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ئاممىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلشىغا ئىلھام بېرىش. 

بەشىنچىدىن، يېزا بويىچە 150 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىلىرى كۈيتۇن كوللېكتىپ ھۆددە بىرلىككە كەلگەن پەمىدۇر ئۈزۈش، پاختا تېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.

تېمېكى يېزىسىشۇ يېزا بويىچە «بازا قۇرۇلۇشى، ئىلمىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش تىجارەت، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» پىكىر يولى بويىچە سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە ياردەم بېرىش، تۈرتكە بولۇش، تىپىك تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن ۋە تۈجۈپىلەنگەن تەرەققىياتىنى قوللانغان. يېزىنىڭ ئەسلىھەلىرى بورداش 3500 تۇياق (دانە)، تەرەققىيات ئەسلىھەلىك ئائىلە 15 ئائىلە، 200 تۇياق كالا نەسلىنى ياخشىلاش، توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش 30 تۇياق، پىششىقلاپ ئىشلەش پىشلاق 0.8 توننا، ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى باقمىچىلىق 30 مىڭ، يېتىلدۈرۈلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرى باقمىچى ئائىلە، توشقان باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سانى 112 گە يەتكەن، باقمىچىلىق سانى 120 مىڭ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#