يەنسىخەي بازىرى

يەنسىخەي بازىرى

يەنسىخەي بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى قارمىقىدىكى بازار.

ئۇيغۇرچە نامى يەنسىخەي بازىرى
ئۆلكىسى شىنجاڭ
يەر مەيدانى 50 مىڭ مو
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون رايون نومۇرى 0901
خەنزۇچە ئاتىلىشى 安集海镇
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 18700 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى ān jí hǎi zhèn
پوچتا رايون نومۇرى 832100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەنسىخەي بازىرىيەنسىخەي بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 500 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 95 مىڭ 300 مو. ئومۇمىي نوپۇسى 18700 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك يېزا ئىگىلىك بازىرى. پۈتۈن بازار تەۋەلىكىدە 23 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار.

بازار رايونىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، غولپىياز، قىزىلمۇچ قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىشقا مۇۋاپىق، 2000-يىلى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «جۇڭگو لازا يۇرتى» ۋە «جۇڭگو خاسىڭ ماكانى» دەپ نام بىرىلگەن، 2003-يىلى، ئاپتونوم رايۇنلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى لازا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» ۋە «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى باش پىياز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قىلىپ بېكىتكەن.

يەنسىخەي بازىرىيەنسىخەي بازىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلبېغىنىڭ غەربىي ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان، بازار رايونى شەرقتە ساۋەن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 27 كىلومېتىر، غەربىي مايتاغ، كۈيتۈن بىلەن تۇتاشقان، شىمالىي يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 142-تۈەن، باشقارما قاتارلىق تۇەن-مەيدان بىلەن قوشنا.

يەنسىخەي بازىرى قارمىقىدا: يەنسىخەي كەنتى، نۇڭجاڭ كەنتى، شىنچۈي كەنتى، سەنچى كەنتى، سىچى كەنتى، ئەنجاجاڭ كەنتى، تۇچۈ كەنتى، گۇداۋ كەنتى، جىياخېزى كەنتى، شىگۇ كەنتى، كوك جىگدە كەنتى، ۋۇتۇڭشۇ كەنتى، تاۋئېتەگى كەنتى، سۇجۇخۇ كەنتى، ئۈزۈملۈك كەنتى، ماجياجاڭ كەنتى، يۈشۇگۇ كەنتى، گۇجاگۇ كەنتى، يىڭپەن كەنتى، ۋاڭجياچۈ كەنتى، يۈەنشىڭگۇڭ كەنتى، خۇڭتۇجاڭزا كەنتى، نەنگوبى كەنتى قاتارلىق 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

يەنسىخەي تارىختا يىپەك يولى سۇياب يولى ئېغىزى، ھەمدە ئىزچىل تۈردە مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولۇپ كەلگەن، 1300 يىللار ئالدىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مۇشۇ يەردە يەنسىخەي بازىرى بېشبالىق ھەربىي قورغان تەسىس قىلىنغان، چىڭخۇ ئارمىيىسى تۇرغان. ساۋەن ناھىيەسى دىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قەدىمىي ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى.

يەنسىخەي بازىرىيېقىندىن بېرى، ناھىيەلىك پارتىكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، يەنسىخەي بازىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كوللېكتىپنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يادرولۇق نىشانىنى چۆرىدەپ، گەۋدىلىك رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يېشىل يېمەكلىك كەسپىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرگەن، يېشىل كۆكتات بازىسىنى زورايتىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بازارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تېز تەرەققىي قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#