ئۇيغۇرچە نامى ئەرگۇڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 450 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 二工镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون چۆچەك شەھىرى
نوپۇسى 13 مىڭ 400 كىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەرگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ بازىرى شىنجاڭ چۆچەك شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان، رايونلار ئارقىلىق كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇشتىكى مۇھىم يېزا-بازارلارنىڭ بىرى. 1997-يىلى يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار تەسىس قىلىنغان. بازار بويىچە جەمئىي 17 مەمۇرىي كەنت، ئىككى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرى بار، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلاندىكى كۆلىمى 8.9 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 82300 مو، ئوتلاق كۆلىمى 400 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 16 مىڭ مو.

ئەرگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ بازىرى شەرقتە ئېمىل يېزىسى، ئاشىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبىي 162-تۈەن، ئويجايلاۋ چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ غەربىي 163-تۇەن بىلەن قوشنا؛ شىمالىي ئاشىر يېزىسى قوشنا، شەرقتە قاراقاباق يېزىسى ۋە ئاشىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى ئېمىل يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي شىمالىي قىسمى 164-تۈەن بىلەن قوشنا. يەر شەكلى شەرقىي شىمالى ئېگىز، غەربىي جەنۇبى پەس. چېگرا لىنىيىسى 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، باقتۇ چېگرا ئېغىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر، چۆچەك شەھىرى پورتىغا يېقىن بىر بازار.  

ئەرگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ بازىرىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: يۇقىرىقى ئەرگۇڭ كەنتى، زۇگۇڭسى كەنتى، تاسقىن كەنتى، باس تاسقىن كەنتى، تۇگۇڭ كەنتى، ساز كەنتى , قارادۆڭ كەنتى، ئاياغ قاراڭگۈر كەنتى،  مەنچېڭ كەنتى، ئۇزۇنئاغاش كەنتى، قاراڭگۈر كەنتى، مايقاي كەنتى، بالي كەنتى، باغۋەنچىلىك كەنتى، ۋۇلى كەنتى، تۇماقچى كەنتى، قاراسۇ كەنتى، چىبارلاغ كەنتى.

ئەرگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ بازىرىغا قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەر كۆلىمى 75مىڭ 300 مو، كوللېكتىپ يەر كۆلىمى 145 مىڭ 300 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 82 مىڭ 300 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 49 مىڭ مو، باغ 1608.2 مو، ئورمان 16364 مو، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن يەر 1949.1 مو، ئاھالىلەر ئولتۇراق يېرى ۋە زاۋۇت-كان يېرى 12598.37 مو، سۇ دائىرىسىگە ئىشلىتىلگەن يەر 2721.36 مو. بۇنىڭ ئىچىدە، 2005-يىلى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 23 مىڭ مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى %28، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 24 مىڭ مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى %29، مايلىق دان، زىغىر، قىزىلچا، تېرىلغۇ كۆلىمى 0.58 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى %7، كۆكتات 17 مىڭ مو، ئېڭىز تېرىلغۇ كۆلىمى 4000 مو، گازىر تاۋۇز، قوغۇن-تاۋۇز تېرىش كۆلىمى 6600 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %8 نى ئىگىلەيدۇ، قۇلماق تېرىش كۆلىمى 1700 مو بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %2 نى ئىگىلەيدۇ، بېدە تېرىلىدىغان يەر كۆلىمى 7800 مو بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى %10 نى ئىگىلەيدۇ. بازار بويىچە ئورمان كۆلىمى16364.7 مو، ئېھاتە ئورمان 7908 مو، ئورمانغا قايتۇرۇلغان تېرىلغۇ يەر 8456.7 مو. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %19.9 كە يەتكەن.

ئەرگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ بازىرى بولسا بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-بازار، ئومۇمىي نوپۇسى 22 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 13 مىڭ 400 كىشى، بازار بويىچە جەمئىي 18 ئاز سانلىق مىللەت بار، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 3718 ئادەم بۇلۇپ، يېزا نوپۇسىنىڭ %27.7 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ لار 1829 كىشى، قازاق لار 629، دۇڭشياڭ مىللىتى 449 ئادەم، ئۇيغۇر 359 ئادەم، قىرغىز 189 كىشى، داغۇر 84 ئادەم، رۇس 72 ئادەم، موڭغۇل 49 ئادەم، شىبە 33 ئادەم، جۇاڭزۇ 7 ئادەم، ئۆزبېك 6 ئادەم، زاڭزۇ 5 ئادەم، مياۋزۇ 2 ئادەم، تاتار، مانجۇ، سالا لار، تۇجيا مىللىتى، يىزۇ مىللىتى ھەربىرى بىر نەپەردىن. 

ئەرگۇڭ بازىرى2004-يىلى ئەرگۇڭ بازىرى تۈرلۈك خىزمەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار» ۋە «شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىي يېزا-بازار»، بازارلىق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»، ئۇدا ئىككى يىل شەھەر بويىچە «ئىككى مەدەنىيەت» بويىچە باھالاشتا بىرىنچى، «خەلقنى بېيىتىش» لوڭقىسى، سۇ قاچىسىدىن ئىبارەت ئىككى يەككە تۈر بويىچە تەكشۈرۈش بىرىنچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 12 پونكىت، تارماقلارنى ئوخشاش باھالاشتا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن، توققۇز تۈردە ئىككىنچى بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#