ئۇيغۇرچە نامى قاراقاباق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 290 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉哈巴克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون چۆچەك شەھىرى
نوپۇسى 10373 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0901

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراقاباق يېزىسىقاراقاباق يېزىسى چۆچەك شەھىرى گە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 290 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر 132 مىڭ مو، قارمىقىدا جەمئىي 21 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 42 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. بىر تىپىك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا. قاراقاباق يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ.

قاراقاباق يېزىسى تېرىقچىلىقىدا بۇغداي ئاساس قىلىنىدۇ، يەنە قوناق، قىچا، بېدە، قارا گازىر قاتارلىقلار بار.

قاراقاباق يېزىسىقاراقاباق يېزىسى تەۋەسىدە 42 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، 2022 ئائىلە، نوپۇسى 10373 ئادەم، ئاساسلىقى خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق، خۇيز، شىبە قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

قاراقاباق يېزىسىقاراقاباق يېزىسى تەۋەلىكىدە 21 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: قارا قاباق كەنتى، بىكېمتوختى كەنتى، دۆڭگىلېكچى كەنتى، ۋۇگۇڭ كەنتى، ئابلا كەنتى، ئاۋانگارت كەنتى، قىزىليار كەنتى، قوس قاباق كەنتى، تۈلكىقۇلاق كەنتى، شەنبېي كەنتى، باش شەنبىي كەنتى، شەنبىي شەرق كەنتى، ليۇچۈەن كەنتى، چىڭگاڭ كەنتى، باش قاراقاباق كەنتى، مەشىت كەنتى، باس بوزداق كەنتى، باش بوزداق شەرقىي كەنتى، ئاراسان كەنتى، كېنجېباي كەنتى، كۆل كەنتى. 

قاراقاباق يېزىسىقاراقاباق يېزىسى تېرىقچىلىقتا بۇغداي، قوناق، قىچا، بېدە، قارا گازىر قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. 2005-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 97276700 يۈەن، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪6.6 ئاشقان، بۇلار ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك كىرىمىنىڭ 55047400 يۈەن، ئورمانچىلق، بېلىقچىلىق كىرىمى 598400 يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 22117500 يۈەن، 2-،3-كەسىپ كىرىمى 18058400 يۈەن، دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن قىلىنغان كىرىمى 1456900 يۈەن، 46572900 يۈەن ساپ پايدا ئالغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4490.43 يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان؛ پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 126 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 55 مىڭ مو، (3 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي، 24 مىڭ مو يازغى بۇغداي)، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4300 مو كۆپەيگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.43 ئاشقان، جىددىي زىرائەتلەر تېرىلغۇ كۆلىمى 39 مىڭ مو، يەم-خەشەك زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 35 مىڭ مو، كۆممىقوناق 25 مىڭ مو، بېدە 10580 مو، زىغىر تېرىلغۇ كۆلىمى 5200 مو، كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى 500 مو.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#