ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرى گە جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 402 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿西尔达斡尔民族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون چۆچەك شەھىرى
نوپۇسى 10529 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسىئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى شىنجاڭ چۆچەك شەھىرىگە جايلاشقان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر داغۇر مىللىي يېزىسى، 2013-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مەدەنىيەت، ساياھەت ماكانى بۇلۇپ باھالانغان.

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى شىمالىي قىسمىنىڭ شەرقىگە 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي ئابدىرا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى قاراقاباق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي يېزا ئىگىلىك 9-شى 164-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تارباغاتاي تېغىغا تۇتىشىدۇ.

 كۆلىمى 402 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 170 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 17 مىڭ مو. يېزىغا قاراشلىق 20 مەمۇرىي كەنت بار.

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسىئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 2272 ئائىلە، 10529 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازار نوپۇسى 372 ئادەم، دېھقان-چارۋىچىلار 10157 ئادەم. يېزا بويىچە 18 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە : خەنزۇ 5671 ئادەم، %53.86 نى ئىگىلەيدۇ؛ داغۇر لار 2178 نەپەر، 20.69 نى ئىگىلەيدۇ، قازاق لار %16.51 نى ئىگىلەيدۇ؛ خۇيزۇ 765 ئادەم، %7.27 نى ئىگىلەيدۇ؛ باشقا 14 ئاز سانلىق مىللەت 177 ئادەم، 1.67 ىنى ئىگىلەيدۇ. 

ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسىئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسى قارىمىقىدا 20 مەمۇرىي كەنت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : مەڭگۈنۇر كەنت ئاھالە كومىتېتى، باش مەنجىباق كەنت ئاھالە كومىتېت، قىز بەيت كەنت ئاھالە كومىتېتى، دېرىز جىياپۇق كەنت ئاھالە كومىتېتى، باش ئاشىلى كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئورتائاشىلى كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاياغئاشىلى كەنت ئاھالە كومىتېتى، قارادالا كەنت ئاھالە كومىتېتى، چىغانگېر كەنت ئاھالە كومىتېتى، نۇرا كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئورتا مانجىباق كەنت ئاھالە كومىتېتى، جاڭمىرزا كەنت ئاھالە كومىتېتى، بەل تام كەنت ئاھالە كومىتېتى، شىنكىنباق كەنت ئاھالە كومىتېتى، كىجان كەنت ئاھالە كومىتېتى، كۈلتۆبە كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئۈستۈنكى بىر تۈپ دەرەخ كەنت ئاھالە كومىتېتى، تۆۋەنكى بىر تۈپ دەرەخ كەنت ئاھالە كومىتېتى، كۆككۆپىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، چۈكېن كەنت ئاھالە كومىتېتى. [0]




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#