ئۇيغۇرچە نامى ئېمىل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 372 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 也门勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون چۆچەك شەھىرى
نوپۇسى 8388 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېمىل يېزىسىئېمىل يېزىسى قۇلۇستاي چوڭ ئوتلىقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا چۆچەك تاشيولى، جەنۇبتا رايون ئوتلاق پونكىتىغا تۇتىشىدۇ، شەرقتە بوزلاق دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە ئەرگۇڭ بازىرى بىلەن قوشنا، چۆچەك شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا مەمۇرىي رايونى كۆلىمى 372 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 106 مىڭ مو.

ئېمىل يېزىسىئېمىل يېزىسى تەۋەسىدە 16 كەنت كومىتېتى بار: قاراياغاچ كەنتى، ۋۇجىڭ كەنتى، تۇما كەنتى، ئاياغ ليۇشېڭ كەنتى، سارى ئۆلېڭ كەنتى، ليۇشىڭ كەنتى، كۆكجايداق كەنتى، سەنگۇڭ كەنتى، تۆۋەنكى سەنگۇڭ كەنتى، ئاقتام كەنتى، جارسۇ كەنتى، قارا ئۆي شەرقىي كەنتى، ئۆبسۆن كەنتى، سىگۇڭ كەنتى، باش ليۇشېڭ كەنتى، ئورمانچىلىق كەنتى.

ئېمىل يېزىسىئېمىل يېزىسىغا قاراشلىق رايوندا 16 مەمۇرىي كەنت، 17 پونكىت بار؛ جەمئىي 2225 ئائىلە، 8388 ئادەم بار، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى %51.3 ىنى ئىگىلەيدۇ. پارتكوم قارمىقىدا 20 پارتىيە ياچېيكىسى، 407 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 38 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى 153 نەپەر.

ئېمىل يېزىسىئېمىل يېزىسى 2007-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 107 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 4823 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئوتتۇرچە كىرىمى 523 يۈەن، %12.6 ئاشقان. ئېمىل يېزىسى بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى پائال تەڭشەپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 89541000 يۈەنگە يېتىپ %16 ئاشقان، 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 550700 يۈەن، %6 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12122000 يۈەن بولۇپ، %8 ئاشقان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#