شاڭخۇدى يېزىسى

شاڭخۇدى يېزىسى

شاڭخۇدى يېزىسى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى قارمىقىدىكى بازار.

ئۇيغۇرچە نامى شاڭخۇدى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 107 كۇۋادىرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى shāng hù dì xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 商户地乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 8717 ئادەم
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 91000 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاڭخۇدى يېزىسىشاڭخۇدى يېزىسى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 38 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 146-تۈەنىگە يېقىن، غەربتە كونا ساۋەن بازىرى بىلەن چېگرالانغان، جەنۇبى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، شىمالىي ليۇماۋۋەن بازىرى بىلەن تۇتاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 107 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 91000 مو.

شاڭخۇدى يېزىسى قارمىقىدا: ئەرچياۋ كەنتى، شاڭخۇدى شەرقىي كەنتى، شاڭخۇدى غەربىي كەنتى، ياڭلىجاڭ كەنتى، جۈيشىتاڭ كەنتى، نيېجياجاڭ كەنتى، خۇشى كەنتى، ئۇخۇ كەنتى، شىنچياۋۋەن كەنتى، پۇياڭگۇ كەنتى، شىلياڭ كەنتى، جۇڭچۇ كەنتى، موگۇخۇ كەنتى، شيېشۇيچۈ كەنتى، شياۋكىك كەنتى قاتارلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

شاڭخۇدى يېزىسىشاڭخۇدى يېزىسىدا خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، رۇس قاتارلىق ئون نەچچە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 8717 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ لار 7193 ئادەم، قازاق لار 1022 ئادەم، خۇيزۇ لار 390 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 112 ئادەم.

پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 2006-يىلى، شاڭخۇدى يېزىسى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن-تېخنىكا ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، پەن-تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن.

شاڭخۇدى يېزىسىيېزا بويىچە تېرىقچىلىق سۈپەتلىك ئۇرۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، سىلوس ئېتىز كۆلىمى 40 مىڭ مو، سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرىنى يىغىۋېلىش كۆلىمى 26 مىڭ موغا يەتكەن، 3000 توننا ئورگانىك ئوغۇت بىلەن يەر ئۆلچەپ تەڭشەپ ئوغۇتلاش كۆلىمى 50 مىڭ موغا يەتكەن.

تېرىقچىلىق جەھەتتە يېزا بويىچە 91000 مو تېرىلغۇ يەرگە، كېۋەز 65200 مو، 9062 مو بۇغداي، 101 مو پەمىدۇر، سىلىبۇم ئوتى 837 مو، كۆممىقوناق 7500 مو، ياغلىق دان 1500 مو تېرىلغان. پۈتۈن يېزىدىكى يىللىق ئەڭ كۆپ چارۋا بېقىلىش مىقدارى 44500 تۇياق (دانە) قا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 4011 تۇياق كالا، قوي 32500 دانە، چوشقا 7300 تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 14300 دانە، چىشى ماللارنىڭ نىسبىتى %65، تاۋار نىسبىتى %69 يەتكەن.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#