ئوسمانجان ئۆمەر

ئوسمانجان ئۆمەر

ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى 1976-يىلى پىچان ناھىيەسى دە توغۇلغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوسمانجان ئۆمەر
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى پىچان ناھىيەسى
كەسپى ئوقۇتقۇچى
تەخەللۇسى كارىزچى
باشقا نامى ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى 1976-يىلى پىچان ناھىيەسى دە توغۇلغان. 1999-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر، خەۋەر- ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.  

شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان ئۆتكىلى ياردەمچىسى»، «دەرستىن كېيىنكى مەشىقلەرنىڭ پايدىلىنىش جاۋابلىرى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تىل-ئەدەبىيات، ماس قەدەملىك ئۆگىنىش ۋە سىناق سوئاللىرى» ناملىق بىر يۈرۈش ماتىرىيالنىڭ تاللىما دەرس 1،2،3،5 لىرىنى تۈزگەن (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە). شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئادەتتكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تىل–ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى (تەجرىبە نۇسخا) » نى تۈزىتىش، تولۇقلاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2012-يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ «ئېھ، گۈلۈم» ناملىق شېئىر، ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچىنىڭ «قايىللىق كۈلكە» ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا، «بىر تال باشاق» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن «غۇنچە مۇكاپاتى» ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ساپا مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈشتە ساقلىنۋاتقان بىر قانچە مەسلىلەر» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ساپا مائارىپى» ناملىق ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقاتى مەركىزى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#