شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزامى 2009–يىلى 3–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009–يىلى 3–ئاينىڭ 27–كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区志愿服务条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پىدائىيلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى، پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە پىدائىيلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىدائىيلارنىڭ باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. پىدائىيلار ماددىي ھەقنى كۆزلىمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ۋاقتى، ماھارىتى قاتارلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغا ئىختىيارلىقى بىلەن مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. پىدائىيلار تەشكىلاتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىدىغان، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىيرايون تەۋەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يېتەكلەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا قۇرۇلىدۇ.

2-باب پىدائىيلار تەشكىلاتى 

5-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردىكى پىدائىيلار جەمئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، پىدائىيلار تەشكىلاتىغا كوللېكتىپ ئەزا بولسا بولىدۇ.

6-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى:

(1) پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش، رويخەتكە ئېلىش، تەربىيىلەش، باھالاش قاتارلىق باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش؛

(2) پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش؛

(3) پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش، پىدائىيلار مۇلازىمەتئىسپاتى بېرىش؛

(4) پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەبلىغى، ئەشياسىنى توپلاش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش؛

(5) پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش تۈزۈمى–تەدبىرىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

(6) پىدائىيلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(7) پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشۋىقاتىنى تەشكىللەش؛

(8) دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى پىدائىيلار تەشكىلاتى، ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش؛

(9) ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشىغا ياردەملىشىش؛

(10) مۇنەۋۋەر پىدائىيلار ۋە پىدائىيلار تەشكىلاتىنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش؛

(11) پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش.

7-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى جەمئىيەتتىن پىدائىيلارنىقوبۇل قىلسا بولىدۇ. پىدائىيلار تەشكىلاتىدىن باشقا تەشكىلاتلار جەمئىيەتتىن پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىشنىپىدائىيلار تەشكىلاتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. چېگرا سىرتىدىن پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلارنى قوبۇل قىلغاندا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئەينەن، توغرا، تولۇق ئېلان قىلىشى ھەمدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

8-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تەشكىللەشتىن بۇرۇن، پىدائىيلارنى مەخسۇس مۇلازىمەت بىلىمى، ماھارىتى ۋە بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيىلىشى كېرەك.

9-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلارنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، رويخەتكە ئالغان پىدائىيلارغا پىدائىيلار مۇلازىمەت كىنىشكىسى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خاتىرە دەپتىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بەلگىسى بېرىشى كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمەت كىنىشكىسى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خاتىرە دەپتىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بەلگىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پىدائىيلار جەمئىيىتى بىر تۇتاش بەلگىلەيدۇ.

10-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، پىدائىيلار تەشكىلاتى بىلەن پىدائىيلار، پىدائىيلار تەشكىلاتى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئوبيېكتى يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك:

(1) جىسمانىي بىخەتەرلىككە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېغىرراق خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسا؛

(2) ئۇدا ئۈچ ئايدىن يۇقىرى مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدىغان بولسا؛

(3) چوڭ-چوڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتكە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىدىغان بولسا؛

(4) پىدائىيلارنى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىن باشقا جايدا پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تەشكىللىسە؛

(5) چەت ئەل تەۋەلىكىدىكىلەرگە چېتىلىدىغان بولسا؛

(6) بىر تەرەپ يازما كېلىشىم تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسا.

11-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان پىدائىيلارغا مۇناسىپ سۇغۇرتا بېجىرىپ بېرىدۇ.

3-باب پىدائىيلار

12-ماددا پىدائىيلار پىدائىيلار تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن رويخەتتىكى پىدائىيلار بولالايدۇ.

13-ماددا يېشى 18 گە توشمىغان پىدائىيلار ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يېشىغا، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىگە لايىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى كېرەك.

14-ماددا پىدائىيلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:

(1) چىن، توغرا، تولۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۇچۇرىغا ئېرىشىش؛

(2) پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە دائىر بىلىم ۋە ماھارەت تەربىيىسى ئېلىش؛

(3) پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش،پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىگە تەنقىد، تەكلىپ ۋە پىكىر بېرىش؛

(4) پىدائىيلار تەشكىلاتىدىن پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(5) پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە ۋە مۇلازىمىتىگە ئاۋۋال ئېرىشىش؛

(6) پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئېھتىياجلىق شارائىت ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇش؛

(7) قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.

15-ماددا پىدائىيلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) پىدائىيلار مۇلازىمەت ۋەدىسى ياكى كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش، پىدائىيلار تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى تاماملاش؛

(2) پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش، پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ ئابرۇيى ۋە ئوبرازىنى ساقلاش؛

(3) پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق؛

(4) پىدائىيلار مۇلازىمەت كىنىشكىسى ۋە پىدائىيلار بەلگىسىنى ئوبدان ئىشلىتىش ۋە ساقلاش.

16-ماددا پىدائىيلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقۇشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. رويخەتتىكى پىدائىيلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى يالغۇز قىلىدىغانلىرى ئۆزى قاراشلىق پىدائىيلار تەشكىلاتىغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

4–باب پىدائىيلار مۇلازىمىتى

17-ماددا پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاساسلىقى نامراتلارنىيۆلەش، ھىممەت يەتكۈزۈش، ياشانغانلار، گۆدەكلەر، مېيىپلەر ۋە ئاجىزلارغا، مائارىپقا ياردەم بېرىش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش، مۇھىت ئاسراش،خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، ئامانلىق ساقلاش، مۇداپىئەلىنىش، قانۇن ياردىمى بېرىش، مەھەللە مۇلازىمىتى قىلىش، چوڭ-چوڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

18-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانۇن-نىزام، شۇنىڭدەك پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلىشى، پايدا ئالىدىغان پائالىيەت ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك. پىدائىيلار پايدا ئالىدىغان ھەرىكەتلەرنى پىدائىيلار سالاھىيىتى بىلەن قىلماسلىقى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن ھەق ئالماسلىقى ياكى باشقا يول بىلەن ھەق ئالماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پىدائىيلار تەشكىلاتى ياكى پىدائىيلارنىڭ نامى، بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، پايدا ئالىدىغان پائالىيەت ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

19-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە پىدائىيلار بىلەنپىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى مۇلازىمەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىنىش مۇناسىۋىتىدۇر.

5-باب پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىراجىتى

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشى كېرەك.

21-ماددا ئاپتونوم رايون قانۇن بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى فوندى تەسىس قىلىدۇ. پىدائىيلار مۇلازىمىتى فوندىنى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك:

(1) پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش؛

(2) پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پىدائىيلارنى قۇتقۇزۇش؛

(3) پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە پىدائىيلارنى مۇكاپاتلاش؛

(4) پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار باشقا ئىشلار.

22-ماددا پىدائىيلار مۇلازىمەت خىراجىتى ھۆكۈمەتنىڭ مەدىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسى، فوندتىن تاپاۋەت قىلىش پايدىسى ۋە باشقا قانۇنلۇق كىرىمدىن توپلىنىدۇ.

23-ماددا پىدائىيلار مۇلازىمەت خىراجىتىنى ئاشكارا باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ھەمدە ئىئانە قىلغۇچىلار، پىدائىيلار ئالاقىدار تارماق ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىراجىتىنى ئىشلىتىش ھەققىدە پۈتۈم بولسا، ئۇنى پۈتۈم بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

24-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا ھەرخىل شەكىلدە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن مەبلەغ ياكى نەرسە ئىئانە قىلغانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

25-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ مال-مۈلكى ۋە خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-باب مەدەت ۋە كاپالەت

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

27-ماددا پۈتكۈل جەمئىيەت پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى شەرتىنى ھازىرلىغان پۇقرالارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.

28-ماددا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات ۋە شەخس پىدائىيلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ۋە ئەسكەرتىپ قويۇشى؛ شارائىتى ۋە ئىقتىدارى بارلىرى پىدائىيلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىشى ۋە ئالدىن تەربىيىلىشى، زۆرۈر ماددىي كاپالەت ۋە بىخەتەرلىك، ساقلىق ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پىدائىيلار تەشكىلاتى، پىدائىيلار، شۇنىڭدەك پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

30-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار مەمۇرلارنى ئىشلىتىش، ئادەم قوبۇل قىلىشتا، شۇنىڭدەك مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوخشاش شەرتتىكىلەر ئىچىدىن ئالدى بىلەن مۇنەۋۋەر پىدائىيلارنى ئىشلىتىشى، تەكلىپلىك ئىشلىتىشى، ئېلىشى كېرەك.

31-ماددا مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسىگە كىرگۈزۈشى، ئۇلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە، سەھىيە، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار شۇ تارماقنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرىشى ۋە تېگىشلىك ياردەمبېرىشى كېرەك.ئاساسىي قاتلام ئاپتونوم تەشكىلاتلار ئۆز ئىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە پىدائىيلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە مەدەت بېرىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

32-ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت–ژۇرنال، تور بېكىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە دائىر جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

33-ماددا پىدائىيلار تەشكىللىك پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش داۋامىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، پىدائىيلار تەشكىلاتى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ پىدائىيلار تەشكىلاتى پىدائىيلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، قانۇن بويىچە تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

34-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى ياكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇلازىمەت جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، پىدائىيغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

35-ماددا پىدائىيلارنىڭ، پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نامى، بەلگىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ياكى باشقىچە پايدىلىنىپ، پايدا ئالىدىغان پائالىيەت ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت قىلسا، پىدائىيلار ۋە پىدائىيلار تەشكىلاتى ئالاقىدار تارماقلاردىن توسۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

36-ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ مال–مۈلكى ۋە خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغانلار، ئىشلىتىۋالغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

37-ماددا بۇ نىزام 2009–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553688.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#