جۇيۇڭگەي بازىرى

جۇيۇڭگەي بازىرى

جۇيۇڭگەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار. فۇكاڭنىڭ شەرقىدىكى ئارىلىقى 7 كىلومېتر كېلدىغان جايدا گۈزەل بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئۇزۇنلۇقى 42 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 168 كىۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى جۇيۇڭگەي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 168 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 九运街镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى
نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0994

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇيۇڭگەي بازىرىجۇيۇڭگەي بازىرى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار. فۇكاڭنىڭ شەرقىدىكى ئارىلىقى 7 كىلومېتر كېلدىغان جايدا گۈزەل بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئۇزۇنلۇقى 42 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 168 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 71 مىڭ مو. بازارغا قاراشلىق 34 كەنت، 16 پارتىيە ياچېيكىسى بار. خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر .... قاتارلىق 13 مىللەت بار بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم. 216 دۆلەت يولى لىنىيەسى، S303 ئۆلكە يولى، ئۈرۈمچى گەنسۇ تۆمۈر يولى، فۇكاڭ رەڭلىك تاشيولى، پۈتۈن بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي.

جۇيۇڭگەي بازىرىجۇيۇڭگەي بازىرى ۋاكالەت نومۇرى: 652302102. بازار قارمىقىدا بىر مەھەللە، 34 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: جۇيۇڭگەي ئاھالە كومىتېتى، ۋۇگۇڭلىياڭخۇ كەنتى، ۋۇگۇڭلىياڭ شەرقىي كەنتى، ۋۇگۇڭلىياڭ غەربىي كەنتى، شاڭشېگۇ كەنتى ، چارۋىچىلىق كەنتى، تاراتتى كەنتى، ئۇيۇڭ كەنتى، جەنۇبىي ئۇيۇن كەنتى، بايۇن كەنتى، بايۇنچۈەن كەنتى، چىڭشىتۇ كەنتى، دىڭجاۋەن كەنتى، شيۇنمىياۋ كەنتى، چىيۈن كەنتى، شىيۇڭ كەنتى، چىيۇنخۇ كەنتى، يۈپو كەنتى، جيۇيۇڭ كەنتى، شەنۋەن كەنتى، نەنبايۈن كەنتى، ليۇيۈن كەنتى، شىبايۈن كەنتى، پوچىڭزى كەنتى، پوچىڭزا شىمالىي كەنتى، لۇلۇجاڭزا كەنتى، خۇاڭتۇلىياڭ كەنتى، خۇاڭتۇلياڭ جەنۇبىي كەنتى، خۇاڭتۇلياڭ كەنتى، خۇاڭتۇلياڭ شىمالىي كەنتى، داجاڭزا كەنتى، دۇڭۋەن غەربىي كەنتى، شىنخۇ كەنتى، شىلياڭ كەنتى، جىيۇيۈنلىياڭ كەنتى قاتارلىقلار.

جۇيۇڭگەي بازىرى «يېڭى كەنتى كۈچەيتىپ قېلىپلاشقان يېڭى كەنت قۇرۇپ چىقىش» ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، 2005-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. جۇيۇڭگەي بازىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان خۇاشى ئۇرۇقچىلىقغا تايىنىپ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، ھازىرقى بازار بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زاكازلىق زىرائەتلەر ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %95 نى ئىگىلەيدۇ؛

جۇيۇڭگەي بازىرىچارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يارقىن نۇقتا بۇلۇپ، چارۋىچىلىق ئېشىش نۇقتىسىنى ھەر يىلى زور مىقداردا ئاشقان، يىرىك يېزا ئىگىلىكى %90 نى ئىگىلىگەن؛ سۇ ئىنشائاتى ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈر ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق كاپالىتى. 

1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، دېھقان-چارۋىچىلار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى قانات يايدۇرۇلغان. پۈتۈن بازار مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشى رەڭدارلاشقان ھەم موللاشقان. ئورتاق مەدەنىيەت ئۆيى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سىملىق تېلېۋىزور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. يېزىلارنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي دوختۇرخانىسى بىر ، كەنت دەرىجىلىك شىپاخانىدىن 7 سى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قۇرۇلۇش تۈرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#