ئاققول قازاق يېزىسى

ئاققول قازاق يېزىسى

ئاققول قازاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ فۇكاڭ شەھىرى گە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 3780 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 66750 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.9 مو، ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 400 مىڭ مو.

ئۇيغۇرچە نامى ئاققول قازاق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 3780 كۋادرات كىلومېتىر
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 66750 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 上户沟哈萨克族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم
ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 400 مىڭ مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاققول قازاق يېزىسىئاققول قازاق يېزىسى فۇكاڭ شەھىرى گە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 3780 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 66750 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.9 مو، ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 400 مىڭ مو.

ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق 5 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق مىللىتى نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسى %70 نى ئىگىلەيدۇ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىسى 4502 ئادەم.

ئاققول قازاق يېزىسىچېگراسى ئىچىدە سېرىقتاغ دەرياسى، شىگۇخې دەرياسى، ئاققول دەرياسى، چۈەنشۇيگۇ، گەنخېزى دەرياسىنىڭ 5-تارماق ئېقىن قاتارلىق دەريالار بار. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 918 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىم مىقدارى 97 مىليون 639 مىڭ 300 كۇب مېتىر. تەۋەلىكىدە نىفىت، ھاك تاش، كۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل قېزىلما بايلىقلار بار. شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق كۆز يەتكۈسىز بىپايان ۋە خىلمۇخىل؛ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى گۈزەل تاغلار، داۋانلار، داڭلىق بەيياڭخې بوغدا چوققىسى، سېرىقتاغ لىجياۋەن، شىگۇ، گودىكېڭ قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرە رايونى ياخشى نامىلرنىڭ بىلەن يېراق-يېقىنغا داڭقى بار. ساياھەتچىلىك قاتارلىق 2-، 3-كەسىپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

ئاققول قازاق يېزىسى (ۋاكالەت نومۇرى: 652302201) قارىمىقىدا ئالتە مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: دوڭۋەن كەنتى، دىگۇ كەنتى، سېرىقتاغ ئېغىزى كەنتى، بەيياڭخې كەنتى، شىياۋچۈەن كەنتى، شىگۇ كەنتى قاتارلىقلار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#