شۇيموگۇ يېزىسى

شۇيموگۇ يېزىسى

شۇيموگۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كۆلىمى 1465 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شۇيموگۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1465 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水磨沟乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى
نوپۇسى 3556 ئادەم
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۇيموگۇ يېزىسىشۇيموگۇ يېزىسى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كۆلىمى 1465 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 3556 ئادەم، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۆت مىللەت ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق مىللەت قازاق مىللىتى بۇلۇپ، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %65 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇمۇمىي ئەمگەك كۈچى 1516 ئادەم. 

شۇيموگۇ يېزىسى قارىمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: تېينەن كەنتى، شۇيموگۇ، خوڭسەنۋەن كەنتى، ليۇچېڭزا غەربىي كەنتى، چۈەن چۈەنگۇ كەنتى قاتارلىقلار. 

شۇيموگۇ يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىچكى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسى، ئىقتىسادىي ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت مەركىزى، ئوتلاق چارۋىچىلىق  ۋە مال دوختۇرلۇق پونكىتى، مالىيە پونكىتى، ئەدلىيە ئورنى، كەڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. 

تۇرپان __ ئۈرۈمچى __ چوڭ ئالىي تاشيولى، ئۈرۈمچى __ گۇچۇڭ تاشيولى، فۇكاڭ تاشيولى، ئۈرۈمچى __ گەنسۇ تۆمۈريولىنىڭ  ھەممىسى بۇ يېزىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش، پوچتا-تېلېگراف ئالاقىسى ناھايىتى قولايلىق.

شۇيموگۇ يېزىسىناھىيە تەۋەسىدە جەنۇبتىن شىمالغىچە ھاسىل بولغان تەبىئىي قارلىق، چىملىق، قارىغايلىق، چوققا، ئېقىندى تۈزلەڭلىك، قۇملۇقلىرى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تەبىئەت بەلۋاغ رايونلىرى بار. تاغلىق رايونلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە جەھەتلەردە بايلىق ئېچىشتا كۆڭۈلدىكىدەك رايون.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#