جاڭ يۈخۇا

جاڭ يۈخۇا

جاڭ يۈخۇا 1932-يىلى 2-ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جان-دىل بىلەن چېگرا رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغان ھەربىي دوختۇر. 1983-يىلى 8-ئايدا ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ يۈخۇا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1932-يىلى 2-ئاي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 张毓华
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1983-يىلى 8-ئاي
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى دوختۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جان-دىل بىلەن چېگرا رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغان ھەربىي دوختۇر جاڭ يۈخۇا 1932-يىلى 2-ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1949-يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى–كېيىن جەڭچى، سېستىرا، ياردەمچى دوختۇر، ھەربىي دوختۇر بولغان. 1956-يىلى 11-ئايدا غەربىي شىمال ھەربىي رايونى 1-ھەربىي تىببىي مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا چىققان. 1960-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى دە تۇرۇشلۇق 12-دوختۇرخانىسىنىڭ فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىنىڭ باش ھەربىي دوختۇرى بولۇپ، بەش قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، يەتتە قېتىم مۇكاپاتلانغان. 1982-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىلىرى چاقىرغان «ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلىقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئېتىبار بېرىش» يىغىنلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

ھەربىي دوختۇر جاڭ يۈخۇا شىنجاڭغا چىققان 26 يىلدىن بۇيان جان–دىل بىلەن چېگرا رايونىدىكى ھەر مىللەت ئارمىيە خەلقى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئون يىللىق مالمانچىلىقتا خەلق ئىگىلىكى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، دوختۇرخانىلاردا تېببىي دورىلار كەمچىل، دېھقانلارنىڭمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا سېتىۋېلىشى قىيىن بولغان شارائىتتا جاڭ يۈخۇا ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلاپ، ۋەتەننىڭ تېببىي خەزىنىسىنى قېزىپ خەلق ئىچىدىكى رېتسىپلارنى توپلاپ، يىڭنە بىلەن داۋالاش، ئۇۋىلاپ داۋالاش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يىڭنە ۋە ئوت چۆپ دورىلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. ئۇ ئىجاد قىلغان نېرۋا ئاجىزلىقىنى «باشنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ»  پەللىسىگە يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئۈرۈمچى قىسىملىرى بويىچە پەن–تېخنىكا مۇۋەپپەققىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «خەلق ھەربىي دوختۇرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

جاڭ يۈخۇانىڭ ئۆيى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان قەشقەر شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ ئىشقا بارغۇچە-قايىتقۇچە ۋە ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا كېسەل كۆرۈشنى، دورا ئاپىرىپ بېرىشنى، داۋالىنىشنى ئۈزۈپ قويغان بىمارلارنى ئىزدەپ تېپىپ، سەۋەبىنى ئىزدەپ ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەملەشكەن. پەۋقۇلئادە قىيىنچىلىقى بار بىمارلارنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ياكى كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىدە داۋالاپ قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

ھەربىي دوختۇر جاڭ يۈخۇا تۇرمۇشىنى تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆرگەندە ئۇلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلغان، تاماق، ئوتياش، بەدەننى قۇۋۋوتلەندۈرگۈچى ئوزۇقلۇق يېمەكلىك ئېلىپ بەرگەن. كىيىم–كېچەك بەرگەن ۋە دوختۇر پۇلىنى تۇلۇق تۆلەپ كېتەلمەيدىغانلارنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە ياردەم بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي، ئەمما شەخسىيەتسىز ئش ھەرىكىتى، ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن ئارمىيە–خەلق ئىتتىپاقىنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىگەن.

جاڭ يۈخۇا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىدا قايغۇلۇق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي دوختۇرلار، ھەربىيلەردىن سىرت، يېڭشەھەر ناھيەسىدىن 300 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى «قەشقەر گېزىتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى»، «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»، «جەڭ غەلبىسى گېزىتى»، «يۈلىن گېزىتى» ۋە «مەركىزىي خەلق رادىئوئىستانسىسى» دا كەڭ تەشۋىق قىلىندى. 1984–يىلى 22–ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچى قىسىملىرى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايۇنىدا جاڭ يۈخۇاغا نام بېرىش چوڭ يىغىنى ئېچلىپ، «جان-دىلى بىلەن چىگرا رايون ھەر مىللەت خەلقىگە خىزمەت قىلغان ياخشى ھەربىي دوختۇر» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

جاڭ يۈخۇا بەش قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، يەتتە قېتىم مۇكاپاتلانغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىلىرى چاقىرغان «ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلىقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئېتىبار بېرىش» يىغىنلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان؛ ۋاپات بولغاندىن كېيىن «جان-دىلى بىلەن چىگرا رايون ھەر مىللەت خەلقىگە خىزمەت قىلغان ياخشى ھەربىي دوختۇر» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#